مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى 4000 غا يېقىن خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىدى

118 2013-01-08 09:40:11   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    شىنخۇا تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، 2-نۆۋەتلىك مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىزاڭ، چىڭخەي ۋە شىنجاڭ ئالىي مەكتەپلىرى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مەخسۇس قوبۇل قىلىش يىغىنى 5-چېسلا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، جۇڭگو نېفىت شىركىتى، جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە سانائىتى، شىنشىڭ جىخۇا، ئاۋىئاتسىيە پەن-تېخنىكىسى (000901، پاي چېكى) قاتارلىق 52 مەركەز كارخانىلىرى بېيجىڭدا بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردىكى شىزاڭ، چىڭخەي ۋە شىنجاڭلىق 2013-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە شۇ يەرلەردىن كەلگەن يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە خىزمەت تاپالمىغان ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ئۈچۈن 4000غا يېقىن خىزمەت ئورنى تەمىنلىگەن.
   بۇ خىزمەتلەرنىڭ ئورنى ئاساسلىق شىزاڭ، چىڭخەي، شىنجاڭ شۇنداقلا بېيجىڭ، شاڭخەينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 نەچچە ئۆلكىدە بولۇپ، نەق مەيداندا قوبۇل قىلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بۇ ئۈچ ئۆلكە رايونىدىن كەلگەن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر يەنىلا تور ئارقىلىق مەخسۇس خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرگە قاتناشسا بولىدىكەن، نۆۋەتتە بۇ پائالىيەتلەر 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ بارىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
   مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ ئاجىزلىشىش بېسىمى بىر قەدەر چوڭ، مەركەز كارخانىلىرى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى كونترول قىلىۋالغان ئەھۋال ئاستىدا، 2012-يىلى مەركەز كارخانىلىرى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەردىن جەمئىي 289200 ئادەم قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى قوبۇل قىلىش سانى ئېشىش يۈزلىنىشىنى ساقلاپ كەلگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博