قەھرىتان قىشتىكى روسىيە سىبىرىيە رايونىنىڭ تېمپىراتۇرىسى نۆلىدن تۆۋەن 25سىلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەن بولۇپ شۇ يەردىكى بىر بالىلار باغچىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى كىچىك بالىلارنى ئېلىپ قار ئۈستىگە كېلىپ سوغۇق سۇدا يۇيۇندۇرغان،بۇ ئوقۇتقۇچى يەنە قاتتىق سوغۇقنىڭ سىنىقى بالىلارنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ دېگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا بۇ كىچىك بالىلارنىڭ يېشىنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىككى ياش بولۇپ ئۇلار قېلىن كىيىملىرىنى سېلىپ پەقەت سۇ ئۈزۈش كىيمى بىلەن قار ئۈستىگە كەلگەن،كېيىن بۇ بالىلار سوغۇق سۇنى بېشىدىن ئۆز بەدىنىگە قۇيغان،بالىلار باغچىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى كىچىك بالىلار بىلەن بىللە قەھرىتان قىشتىكى بۇ ھاياجانلىق مىنوتلاردىن <ھوزورلانغان>.
بۇ بالىلار باغچىسىدا خىزمەت قىلغىنىغا 18يىل بولغان ئوقۇتقۇچى Olesyaنىڭ دېيىشىچە بۇ ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن جازا بولماستىن بەلكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى خالاپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىدۇ ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاتا ئانىسىمۇ بۇ پائالىيەتتىن بالىلىرىنى چىكىندۈرۈپ چىقىشقا ھوقوقلۇق دېگەن.
Olesyaيەنە بۇ پائالىيەتنى باشلىغىلى نەچچە ئاي بولدى ،بالىلارنىڭ ۋىروسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۆرىنەرلىك ئاشتى ،ئۇلار تېخىمۇ ساغلام بولۇپ كەتتى دېگەن. ئىگىلىنىشچە كىچىك بالىلارنىڭ قاردا سۇغا چۈشۈش ۋاقتى قىسقىراق بولۇپ ھەر قېتىمدا 90سىكونت تۇرىدىكەن.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...