روسىيە نۇپۇسىنىڭ كىمىيىش ۋەزىيىتى ياخشىلىنشقا قاراپ ماڭماقتا

43 2013-03-01 09:20:17   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    شىنخۇا تورىنىڭ تېلگىراممىسىغا ئاساسلانغاندا، روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 26-چىسلا زۇڭـتۇڭ دۆلەت ئەۋزەل تۈرلىرى ۋە نۇپۇس سىياسىتى كومتىتىنىڭ يىغىنىدا ئىلگىرىكى 7 يىلدا روسىيە نۇپۇسىنىڭ كىمىيىش ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاستىلىغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى روسىيە نۇپۇسنىڭ تەبىئىي كېمىيىش سانى 2006-يىلىدىكى 687 مىڭ ئادەمدىن 2600 ئادەمگە چۈشكەن.

   روسىيە زۇڭتۇڭ تور بىكىتى شۇ كۈنى پۇتىننىڭ يۇقىرىقى نۇتىقىنىڭ بارلىق قىسمىنى ئېلان قىلغان. ئۇ گەرچە روسىيە خەلىقئارا ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا يېڭى نۇپۇسنىڭ ھاياتلىققا كۆز ئېچىشىنىڭ يەنىلا ئۈسۈش ۋەزىيىتىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى، ئىككى پەرزەنتلىك ۋە ئۈچ پەرزەنتلىك بولغان ئائىلىلەرنىڭ بىر ئاز كۆپەيگەنلىكىنى ئېيتقان. بىراق كەلگۈسى 10 يىلدا روسىيە نۇپۇس ۋەزىيىتى يەنىلا بىر قەدەر كەسكىن بولىدىكەن.

   پۇتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ 2000-يىلى چىقارغان ئالدىن مۆلچەرىگە ئاساسەن ھازىرغا قەدەر روسىيە نۇپۇسى 133 مىلىيۇنغا كېمىيىشى كېرەك ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىن مۆلچەرى ئەمەلىيەتكە ئايلانمىغان بۇلۇپ بىر قاتار نۇپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى ئارقىلىق نۆۋەتتە روسىيەنىڭ نۇپۇسى 143 مىلىيۇنغا يەتكەن بۇلۇپ يۇقىرىدا مۇتەخەسىس مۆلچەرلىگەن نۇپۇس سانىدىن 10 مىلىيۇن نۇپۇس ئېشىپ كەتكەن، بۇ روسىيە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئېنىقلا ئىنتايىن چوڭ نەتىجە ھىسابلىنىدۇ.

   روسىيە ھۆكۈمىتى 2025-يىلىدىن بۇرۇن نۇپۇسنى 145 مىلىيۇندىن 147 مىلىيۇنغىچە بولغان ئارلىقتا مۇقۇملاشتۇرۇشنى پىلانلىغان. روسىيە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنسىتىرلىكىنىڭ مىنىستىرى توپلىن شۇ كۈنى ئېچىلغان يىغىندا ئۈمۈدۋارلىق بىلەن ئالدىن مۆلچەرلىگەندە، 2025-يىلىغا بارغاندا روسىيەنىڭ نۇپۇسى بىر مىلىيارد 500 مىلىيۇن نۇپۇسقا يىتىشىدە ئۈمۈد بارلىقىنى ئېيتقان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博