تۈركىيە بىلەن قوشنا دۆلەت سۈرىيە ئارىسىدا يېقىندىن بۇيان كۆپ قېتىم چېگرا توقۇنۇشى پارتلاپ ، ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىۋاتىدۇ .ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلىشى مۇمكىن بولغانلىقى ئۈچۈن ، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان ئاگاھلاندۇرۇپ، تۈركىيە خەلقى سۈرىيە بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشى كېرەك، دېدى.
ئىران خەلقئارا ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 8-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئەردوغان 7-چىسلا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ناۋادا زۆرۈر تېپىلسا تۈركىيە سۈرىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ ،شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق بۇنىڭغا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشى كېرەك دېگەن.
ئەردوغان سۆزىدە ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن، ئەمما ئۇ كۆرسىتىپ تۇرۇپ ، ‹‹ زۆرۈر تېپىلغاندا، سىلەر ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇرۇش تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ تۇرۇشۇڭلار كېرەك، ناۋادا سىلەر تەييارلىق قىلمىساڭلار ، ئۇنداقتا سىلەر بىر دۆلەت، بىر مىللەت دەپ ئاتىلالمايسىلەر ››دېگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئەردوغان سۈرىيىنى تۈركىيىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ باقماسلىققا ئاگاھلاندۇپ ، ‹‹ھېچقانداق بىر دۆلەت تۈركىيىنىڭ كەيپىياتى بىلەن ئويناشماسلىقى كېرەك ....ئەمما تۈركىيە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئوبدان قىلىشى كېرەك ›› دېدى.
تۈركىيە بىلەن سۈرىيىنىڭ چېگرىسىدا يېقىندىن بۇيان كۆپ قېتىم چېگرىدىن ھالقىپ توپقا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەردى. روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قارىشىچە، سۈرىيە بىلەن تۈركىيە ئۇرۇش بوسۇغىسىغا بېرىپ قالغان بولۇپ ، سۈرىيە كىرزىسى پارتلىغاندىن بۇيان ، سۈرىيە ئىزچىل ھالدا تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ، قاتار ۋە ئامېرىكا ، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى سۈرىيە ئىچىدىكى تىرورچىلارنىڭ دۆلەت ئىچىدە قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىنى قوللاۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەپ كەلدى.