ئەردۇئان تۈركىيەنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدۇ دېدى

0 2012-10-08 10:37:43   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردۇئان 5-چىسلا تۈركىيەنىڭ ئۈزىنىڭ ئىززەت-ئابرويىنىڭ ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچىرىغانلىقىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى، ھەمدە ھەرقانداق ئىغۋاگەرچىلىككە پىسەنت قىلماي تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

    ئەردۇئان شۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھرى ئىستانبولدا ئۆتكۈزۈلگەن5000دىن كۆپرەك كىشى قاتناشقان يىغىندا ھەرقانداق كىشىنىڭ تۈركىيەگە تەھدىد سېلىشنى ئويلىماسلىقىنى ھەم نىيەت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

   ئەردۇئان تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، لىكىن تۈركىيەنىڭ ئۈزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ تەھدىدكە ئۇچىرىشىغا ھەرگىزمۇ يول قويمايدىغانلىقىنى، ھەم ھەرقانداق ئىغۋاگەرچىلىككە پىسەنت قىلماي تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ماقال-تەمسىلنى نەقىل كەلتۈرۈپ: تىنىچلىقنى ئويلىسا، ئۇرۇش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق كۈرۈش كېرەك دېدى.

    بۇ سۈرىيە چىگراسى ئىچىدىن ئېتىلغان مىنامىيوت ئۇقى 3-چىسلا تۈركىيە چىگراسى ئىچىگە چۈشۈپ پارتىلاپ 5 ئادەم قازا قىلغاندىن كىيىن تۈركىيە زۇڭلىسى بىلدۈرگەن سۆزلىرى كەسكىن ئىپادە.

    سۈرىيە مىنامىيوت ئۇقى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن تۈركىيە ئارمىيەسى 3-چىسلا كەچتىن 5-چىسلاغىچە ئۇدا ئۈچ كۈن سۈرىيە چىگراسى ئىچىدىكى بىر قىسم نىشانلارغا ھۇجۇم يۈرگۈزگەن. تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىمۇ ئوتتۇرا دېڭىز رايۇنىدا يىغىلىپ ئەسكىرى كۈچىنى كۈپەيتىپ، ھەربىي پاراخۇت ۋە سۇ ئاستى كىمىلىرىنى يۆتكىگەن. تۈركىيە پارلامىنتى 4-چىسلا تەكلىپ لاھىيەسىنى ماقۇللاپ، ھۈكۈمەتكە جىددىي ئەھۋالدا چىگرا ئاتلاپ ھەربىي ئىشلار ھەركىتى ئېلىپ بېرىش ھۇقۇقىنى بەرگەن.

    تۈركىيە ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەتنىڭ چىگرا سىزىقى ئۇزۇنلۇقى 910 كىلومىتىر كىلىدىكەن. سۈرىيە كىرىزىسى كەسكىنلەشكەنلىكتىن زور مىقداردىكى مۇساپىرلار تۈركىيەگە كىلىپ پاناھلانغان، نۆۋەتتە جەمئىي 97 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىر تۈركىيە چىگراسى ئىچىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博