جۇڭگۇ ئاخبارات تورىنىڭ بۈگۈنكى تېلگىراممىسى: ئەنگلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسى 330 نەپەر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ ئەردۇئان زۇڭلىينىڭ يىتەكچىلىكىدىكى خەلىق سايلىغان ئىسلام ھۈكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ، ھۈكۈمەتكە ئاسىيلىق قىلىشنى سۈيقەست قىلغانلىقتىن جازاغا ھۈكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
باش پىلانلىغۇچى بولغان 3 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارنىڭ ھەر بىرى 20 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىندى، قالغان 34 نەپەر گۇماندار گۇناھسىز دەپ قۇيۇۋېتىلدى.
جەمئىي 360 تىن كۆپرەك تۈركىيە ھەربىي ئەمەلدارى 2003-يىلى مەسچىتتىكى پارتىلىتىشنى پىلانلاپ، تۈركىيە بىلەن گىرىتسىيە ئوتتۇرسىدىكى تۇقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شۇ ئارقىلىق سىياسىي ئۆزگىرىش ئۈچۈن بانا-سەۋەب ئويدۇرۇپ چىقارغان دەپ ئەيبلەندى.
جاۋابكارنىڭ ئادۋۇكاتى بۇ ھەربىيلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ھەربىي مانىۋىرغا قاتناشقان بۇلۇپ سىياسىي ئۆزگىرىشنى پىلانلىمىغانلىقىنى ئېيتقان. بارلىق جاۋابكارلار ئەيبلەشنى ئىنكار قىلغان.
جاۋابكار بۇ دىلونىڭ ئىسپاتىنىڭ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ھۈكۈمەتنىڭ ئارمىيەگە قارىتا سىياسىي زىيانكەشلىك ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
بۇ قېتىمقى سوتتا 3 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك گىنىرال 20 يىللىقتىن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىندى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيە بىرىنجى بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ قۇماندانى دۇگېن گىنىرالمۇ بار ئىكەن. ئۇ بۇ قېتىمقى ئىككى يىلغا سۈرۈلگەن سوتنىڭ ئادىل بولمىغانلىقى ۋە قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
دۇگېن 2003-يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش سۈيقەستىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى دەپ كۆرسىتىلدى.
دەسلەپتە بۇ 3 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلك گىنىراللار مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان، لىكىن كىيىن 20 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا كىمەيتىلگەن.
نەچچە ئون يىلدىن بېرى تۈركىيە ئارمىيەسى ئىزچىل دۆلەتنىڭ سىياسىسىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن، ئۇلار ئۇزۇن مۇددەت ئۈزىنى دۆلەتنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە ئاساسى قانۇنىنى قوغدىغۇچىلار دەپ قارىغان.
ئەردوئان ھۈكۈمىتى ئىلگىرى ئارمىيەنىڭ دۆلەت سىياسىتىگە كۆرسىتدىغان تەسىرىنى ئازايتىشقا ئۇرۇنغان.
Burberry ئەنگىلىيىلىك ناخشىچىAdeleبىلەن ھەمكارلاشماقچى ۋە مەخسۇس...
كوريەلىك بىر جىنايەتچى 15سانتىمىتىرلىق تۇشۇكتىن قىچىپ كەتكە...
ئامېرىكا ئالما مەھسۇلاتلىرى سىتىش دۇككىنىنىڭ خىزمەتچىسى يى...
توغراق تورىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 19-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىل...
ئامېرىكىدا راك كىسىلى گىرىپتار بولغان قىزىل يۇڭلۇق ئورانگو...