دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە بولغان پەرەز ئاغدۇرىۋىتىلدى

02012-10-09 10:54:36   intl.ce.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تېلىگراممىسىغا ئاساسلانغاندا ، شەرق ماي -گازى تورىنىڭ تەكشۈرىشىچە ، 10-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ، ئۈچ رايوندىكى خام نىفىت ئۆزگىرىشچانلىقى % 1.796 - بولغان بولۇپ ، ماي باھاسىنى تەڭشەش ئاگاھلاندۇرۇش قىزىل سىزىق چېكى بولغان % 4- بىلەن يەنىلا مەلۇم ئارىلىق ساقلاپ قالغان ئىكەن.

   يېقىنقى بىر قېتىملىق ماي باھاسىنىڭ تەڭشەلگەن ۋاقتى 11-سىنتەبىر بولۇپ ، نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا ، 10 -ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ماي باھاسىنى تەڭشەش يېتەرلىك ۋاقىت ئاساسىغا ئىگە ئىكەن . 10-ئاينىڭ 3-كۈنى خەلقئارادا ماي باھاسى توساتتىن چۈشۈپ كەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش مۇمكىنچىلىكى تېخىمۇ چوڭايغان . لېكىن ئەتىسىلا ماي باھاسى قايتىدىن شىددەت بىلەن ئۆرلەپ ، دۆلەت ئىچى بازىرىدىكى بۇرۇنقى ماي باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە نىسبەتەن قىلىنغان پەرەز پۈتۈنلەي ئاغدۇرىۋىتىلگەن .

   شەرق ماي - گازى تورىنىڭ ئانالىزچىسى چىڭ رۈيفىڭ مۇنداق دەيدۇ : خەلقئارادىكى ماي باھاسىنىڭ توختىماي داۋالغۇشى دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى تۆۋەنلىشىنىڭ ئۆزگىرىش مىقدارىنى چوڭايتىۋىتىدۇ ، نۆۋەتتە بىرانت نىفىتىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 112 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ ، ئەگەر بىرانت مېيىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 108 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشسە ، 10-ئاينىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ، دۆلەت ئىچى ماي باھاسىنى تۆۋەنلىتىش كۆزنىكىنىڭ ئېچىۋىتىلىشىدە ئۈمىد بار . ئەگەر بىرانت مېيىنىڭ باھاسى ھازىرقى سەۋىيەنى ساقلاپ ئازراقمۇ ئۆزگىرىش بولمىسا ، ئۇنداقتا ماي باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە بولغان پەرەزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئىنتايىن تەس بولۇپ قالىدۇ .