كانادا مەركىزىي بانكا باشلىقى كانادا كارخانىلىرىنى جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈردى

0 2012-09-29 10:55:39   intl.ce.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    كانادا ئاخبارات ئاگېنتلىقى 24-سىنتەبىر تېلېگراممىسى . كانادا مەركىزىي بانكا باشلىقى كارنىي جۇڭگو بازىرى ئاساسىي تېما قىلىنغان بىر مۇنبەردە كانادا كارخانىلىرى جۇڭگوغا يۈرۈش قىلىش بازار سىتىراتىگىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ھەرگىزمۇ كېچىكتۈرمەسلىكى كېرەك دېدى . ئۇنىڭ دېيىشىچە ، ئۇ جۇڭگو بازىرىنىڭ پۇرسەتكە ئېرىشىشىغا نىسبەتەن ئىزچىل ئۈمىدلىك پوزىتسىيەدە ئىكەن ، گەرچە بەزى كارخانىلارنىڭ قەدىمى ئاللىقاچان جۇڭگو بازىرىغا كىرىپ بولغان ھەمدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتلىك ئېشىشى يېقىندىن بېرى ئازراق ئاستىلاپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن كانادا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن ، چۈنكى جۇڭگو ئىقتىسادى يەنىلا پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق كۈچلەرنىڭ بىرى ئىكەن . جۇڭگو ئاللىقاچان بۇرۇنقى ئېكىسپورتنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىدىن دۆلەت ئىچى ئىسىتىمالىنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلانغان ، گەرچە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سەل ئاستىلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان بولسىمۇ ، بىراق كاناداغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇنىڭ نەپكە ئېرىشىش پۇرسىتى ئەكسچە كۆپىيىپ بارىدىكەن . كانادا كارخانىلىرى جۇڭگو بازىرىغا كىرىشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك ئىكەن .

    كارنىي يېقىندىن بۇيان قايتا-قايتا كانادا چوڭ كارخانىلىرىنى بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان توپلىغان 500 مىليارد كانادا دوللىرى قىممىتىدىكى بايلىقىنى مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى ، كارخانىلارنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇقىم بولمىغان تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە بولغان ئەندىشىسى سەۋەبىدىن ، نۇرغۇنلىغان كاپىتال مەبلەغ سېلىنماي قولدا تۇتۇپ تۇرۇلۇپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن كارنى ئاكتىپ ھالدا كارخانىلارنىڭ يىغىلىپ قالغان نۇرغۇن <ئۆلۈك كاپىتال> ىنى مەبلەغ سېلىشقا سەرپ قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博