يېقىندىن بۇيان جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشى ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى مەنپەئىتىگە ئۈزلۈكسىز تۈردە زىيان ئېلىپ كەلدى . نىسسان شىركىتىنىڭ دېرىكتورى كارلوس . گاسون ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر بېسىقلىق بىلەن تەدبىر قوللىنىپ جۇڭگو ياپونىيە ۋەزىيىتىنى بالدۇرراق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
گاسون دېرىكتور مۇشۇ ئاينىڭ 27-كۈنى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن ماشىنا كۆرگەزمسىدە ياپونىيە NHK (تارقىتىش ئورگىنى) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى . نىسسان ئاپتومۇبىل شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى 3 زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى 3 كۈن توختاتقانلىق مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئۇ مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى : جۇڭگو سېتىش تور نۇقتىسىدىكى خېرىدارلار كۈندىن كۈنگە ئازلاۋاتىدۇ ، سېتىلىش مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى ، بۇ ئېنىقلا ياپونىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان . بىز ئامالسىز ھالدا ئىشلەپچىقىرىش پىلانىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ باردۇق.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : نىسساننىڭ جۇڭگوغا سالغان مەبلىغى كۆپ ، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ چوڭ بازارنىڭ مۇھىمىلىقى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرمەيدۇ ، ياپونىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش دۆلەتكە قىلچە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئېغىر بېسىق بولۇشى كېرەك . نەچچە ھەپتىنىڭ ئىچىدە بۇ خىل قارشىلىشىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
جۇڭگو دۆلەت كارخانىسى خەلقىئارا مىلان كۇلۇبىغا پايچەك بولم...
ئەنگىلىيەدە يول يۈزىنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكتىن بىر ئەر دولقۇن...
ئايال ئىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ 6 يىلدا ئۈزىنىڭ 5 ب...
پاكسىتاننىڭ نازاكەتلىك ئايال تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى تەس ك...
بىرلەشكەن دۆلەتلەر چوڭ يىغىنى مەزگىلىدە بولىۋىيە زۇڭلىسى ب...