جۇڭگۇ ئاخبارات تورىنىڭ بۈگۈنكى تېلگىراممىسى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراق بىخەتەرلىك ۋە داۋالاش ئەمەلدارى بۇ دۆلەتتە 26-چىسلا ئىككى قېتىم يول بۇيىدا پارتىلىتىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بىر قېتىملىق پارتىلاش ئوتتۇرا قىسمدىكى شەھەر شىرانىڭ شىمالىدىن 40 كىلومىتىر كىلىدىغان رايۇندا يۈز بەرگەن. پارتىلاشتا بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارى، 2 نەپەر ساقچى ۋە 1 نەپەر ئاددىي پۇقرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 ئادەم قازا قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2 نەپەر ساقچى يارلانغان.
يەنە بىر قېتىملىق پارتىلىتىش باغدادنىڭ شىمالىدىكى بىر كەنىتنىڭ ئەتراپىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا يۈز بەرگەن بۇلۇپ، 1 نەپەر ساقچى قازا قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا 1 ئادەم يارلانغان.
بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن پايتەخىت باغداد شەھەر ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى رايۇنلار قۇراللىق كۈچلەرنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغان، ھەمدە 9 ئادەم قازا قىلىپ، 19 ئادەم يارلانغان.
گەرچە قۇراللىق كۈچلەرنىڭ ئىراق ھۈكۈمىتىگە قىلغان ھۇجۇم كۈچى ئاجىزلىغان بولسىمۇ لىكىن ئەمەلىيەت ئۇلارنىڭ يەنىلا بىخەتەرلىكى قاتتىق ساقلىنىدىغان رايۇنلاردىمۇ ھۇجۇم قىلىشقا قابىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ھەربىي بازا، تۈرمە ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قاتارلىق ئۇرۇنلار دائىملا ھۇجۇم نىشانى بۇلۇپ قالىدىكەن.
ئېران ئۇزى ياساپ چىققان ئادەمسىز ئايرۇپىلان ئېسرائىلىيەنى ...
ئوباما كالباسا بولكىسى سېتىۋالدىغان ۋاقىتتا ‹بايلىقىنى كۆز...
چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭلىجۇنگە 15يىللىق ...
قىسمەن خېرىدارلار iPhone 5 نىڭ Wi-Fi ئۇلىنىشى بىنورمال ئەھۋاللارن...
ئامېرىكىلىق بىر ئەر مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا «ئالما» قىزىتق...