ھىندىستان كىچىك بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت

0 2012-09-18 12:11:02   جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

ب د ت نىڭ بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىگە قارىتا ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستان 2011-يىلى دۇنيادىكى بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت بولغان.

ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2011-يىلى ھىندىستاندا بەش ياشتىن تۆۋەن 1 مىليون 655 مىڭ بالا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، تەخمىنەن جۇڭگونىڭ ئالتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ تۆنۈگۈن كەچ ئاشكارىلىغان دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، بەش ياشتىن تۆۋەن ئۆلۈپ كەتكەن بالىلارنىڭ سانى 2011-يىلى 7 مىليونغا تۆۋەنلىگەن، لېكىن دۇنيادا ھەر كۈنى تەخمىنەن 19 مىڭ بالا ئاساسى جەھەتتىن ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن.

بۇ فوندى جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، بۇلتۇر ئۆلۈپ كەتكەن بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ بەشتىن تۆت قىسىمى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا رايونى ۋە جەنۇبىي ئاسىيادا بولۇپ، ئۆپكە ياللۇغى ۋە تولغاق بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن بالىلار دۇنيادىكى بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىدە تەخمىنەن %30 نى ئىگىلەيدۇ، كونگو، ھىندىستان، نىگىرىيە ۋە پاكىستاندىكى بالىلارنىڭ سانى يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.

بۇ فوندى جەمئىيەتنىڭ ئىجرائىلىيە مۇدىرى ئانتونىي لېكسۇس دوكلاتتا: نامرات، ئاجىز دۆلەتلەردە، چەت جايلاردا ياشايدىغان نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ ئىچىدە، بەش ياشتىن بۇرۇن ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ چوڭ ئىكەن، لېكىن ۋاكسىنا ئەملىنىپ، ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولسا، ئاساسىي داۋالاش ياخشى بولسا ھەم يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈنسە، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزىۋالغىلى بولىدۇ.

ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ئۆتكەن ئون يىلدا كۆرۈنەرلىك تېزلەشكەن، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى بەش ياشتىن تۆۋەن بولغان ئۆلۈپ كەتكەن بالىلارنىڭ سانى ھەر يىلى تەخمىنەن %1.8 تۆۋەنلىگەن، لېكىن 2000-يىلدىن 2011-يىلغىچە ھەر يىلقى تۆۋەنلەش كۆلىمى %3.2 كە يەتكەن.

لېكسۇس:«بۇ تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ. ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ كۆپ بالىلار بەش ياشلىق توغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزەلەيدۇ، دۇنيادىكى بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم سانى 1990-يىلدىكى تەخمىنەن 12 مىليوندىن 2011-يىلدىكى تەخمىنەن 6 مىليون 900 مىڭغا تۆۋەنلىگەن». 2010-يىلى بۇ سان 7 مىليون 600 مىڭ ئىدى، دېدى.

دوكلاتتا، بىر دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتىكى توسالغۇ بولماسلىقى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博