ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمى تەڭشەلدى

279 2012-07-16 11:45:51   شىنجاڭ گېزىتى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار بۇ يىل يېڭىدىن تەڭشەلگەندىن كېيىنكى «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند»نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، بىر تۇتاش غەملىنىدىغان رايونلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمى ۋە باشقا ئىشسىزلىق سۇغۇرتا تەمىناتىنى تەڭشىگەن، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمى بۇ يىل 1 - ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

تەڭشەلگەندىن كېيىنكى «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند»(كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تۇرالغۇ جامائەت فوندى)نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1085 يۈەن، 895 يۈەن، 820 يۈەن، 745 يۈەندىن ئىبارەت تۆت دەرىجىگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئايلىق ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىنىڭ ئۆلچىمىمۇ ئوخشىمايدىكەن.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىنى تارقىتىش ئۆلچىمى قەرەلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشىمايدۇ، قەرەلى 1 - ئېيىدىن 12 - ئېيىغىچە بولسا، ھەر بىر كىشى ئايدا شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %70ى بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئالىدۇ؛ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى قەرەلى 13 - ئېيىدىن 24 - ئېيىغىچە بولسا، ھەر بىر كىشى ئايدا شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %65 ى بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئالىدۇ. ئەگەر ھەر بىر كىشىگە ئايدا تارقىتىلىدىغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى شۇ جايدىكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا، شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئالىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىشسىزلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىش مۇددىتى ئۇلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان يىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ: سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى بىر يىلغا توشقان، ئىككى يىلغا توشمىغانلارغا ئۈچ ئاي؛ ئىككى يىلغا توشقان، ئۈچ يىلغا توشمىغانلارغا ئالتە ئاي؛ ئۈچ يىلغا توشقان، تۆت يىلغا توشمىغانلارغا توققۇز ئاي؛ تۆت يىلغا توشقان، بەش يىلغا توشمىغانلارغا 12 ئاي؛ بەش يىلغا توشقان، ئالتە يىلغا توشمىغانلارغا 14 ئاي ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى بېرىلىدۇ؛ ئالتە يىلغا توشقان ۋە ئالتە يىلدىن كۆپ تاپشۇرغانلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش ۋاقتى بىر يىل توشقاندا بىر ئاي كۆپەيتىلىدۇ، ئەمما ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 24 ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ يەنە ئىشسىز قالغانلارنىڭ سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ۋاقتى قايتا ھېسابلىنىدۇ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىش مۇددىتى ئالدىنقى قېتىم ئالمىغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىنىڭ مۇددىتى بىلەن قوشۇپ ھېسابلانسا بولىدۇ، ئەمما ھەر قېتىم ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 24 ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. دېھقان توختاملىق ئىشچىلار ئىشسىز قالغاندىن كېيىن بەھرىم−ەن بولىدىغان بىر قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى تەڭشەلگەندىن كېيىنكى 1 - ئېيىدىن 12 - ئېيىغىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلاپ بېرىلىدۇ.  

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博