ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سانى 500 مىڭلىق ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتتى

299 2012-07-12 10:42:24   شىنجاڭ رادىئو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتى قاتناش قوراللىرىنى كونترول قىلىش ئىدارىسىنىڭ ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتلىرىنىڭ سانى 100 مىڭدىن 200 مىڭغا كۆپىيىشى ئۈچۈن 7 يىل ۋاقىت كەتكەن، 200 مىڭدىن 300 مىڭغا يېتىش ئۈچۈن 4 يىل ۋاقىت كەتكەن، 300 مىڭدىن 400 مىڭغا يېتىش ئۈچۈن 14 ئاي ۋاقىت كەتكەن ، لېكىن 400 مىڭدىن 500 مىڭغا يېتىشى ئۈچۈن پەقەت 10 ئاي 20 كۈن ۋاقىت كەتكەن بولۇپ ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سانى 500 مىڭلىق ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتتى.
     ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش قوراللىرىنى كونترول قىلىش ئىدارىسى قاتناش قوراللىرىنى كونترول قىلىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جىجۇڭ مۇنداق دېدى:« يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز تېز كۆپىيىش ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى. ئالدىنقى يىلى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن بۇرۇن ، رەسمىيەت بېجىرىدىغان 12 كۆزنەكتە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 150دىن 200گە يېقىن يېڭى ئاپتوموبىل تىزىمغا ئالدۇرىدىغان بولۇپ ، بايراملىق دەم ئېلىشتىن كېيىن بىز كازىۋەندە 20 كۆزنەكلىك ئۇنىۋېرسال كەسىپ بېجىرىش  ئورنىنى ئاچقاندىن كېيىن كۈندە تىزىمغا ئالدۇرىدىغان ئاپتوموبىلارنىڭ سانى يەنىمۇ كۆپەيدى.»
ئىگىلىنىشچە ، ھازىر مەملىكىتىمىز بويىچە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سانى 1 مىليوندىن ئاشقان شەھەردىن 23ى بار بولۇپ، بېيجىڭ ، چۇڭچىڭ ، چىڭدۇ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ ، خاڭجۇ، تيەنجىن قاتارلىق 7 شەھەرنىڭ ئاپتوموبىل سانى 2 مىليوندىن ئاشىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博