ئالاھىدە دىنى ئاتىسى پۇلۇۋېنزانو
ئىتالىيە تۈرمە خادىمىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،ئىتالىيە ئالاھىدە دىنىي ئاتىسى پۇلۇۋېنزانو تۆرمىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماقچى بۇلۇپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن.پۇلۇۋېنزانو ھازىر 79ياش بۇلۇپ،ئىتالىيەنىڭ شىمالي قىسمىدىكى شەھەر پارمادىكى بىر تۆرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتىدۇ.ئىتالىيە ئەنسا ئاخبارات خەۋىرىگە قارىغاندا،تۈرمە ساقچىسى 9-ماي كەچتە ئۇنىڭ بىشىغا بىر سۇلياۋ خالتىنى كىيىپ كارۋاتتا ياتقانلىقىنى بايقىغان.ساقچى دەل ۋاقتىدا ئۇنى تۇسۇپ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان.
پۇلۇۋېنزانودىن باشقا 50 جىنايەتچى ئەتراپى قاتتىق مۇھاپىزەتچىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرمە رايونغا قامالغان.ساقچىلار دائىم ئۇلارنىڭ تۈرمە ئىچىدىكى پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ.پۇلۇۋېنزانو شۇنداق قاتتىق مۇھاپىزەت قىلنغان تۈرمە ئىچىدە،سۇلياۋ خالتىنى قانداق قىلىپ قولغا چۈشۈرگەندۇ؟ پارما سوت مەھكىمىسى 11-ماي پۇلۇۋېنزانونىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا سوت ئاچتى.
قارا قول پارتىيەسىنىڭ كاتتىۋېشى تۈرمىدە ئۆلۈۋالماقچى بولغا...
شاھزادە ۋېليام كەيت خانىش بىلەن بىرگە خەيرى - ساخاۋەت پائالى...
4- ئايدا بېنز ئاپتوموبىلىنىڭ يەر شارىدىكى سېتىلىش مىقدارى %3.6...
پۇتىن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان قىزنى ئالاھىدە كۈتۈۋالد...
ب د ت نىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق نازارەتچى قوشۇنى ھۇجۇمغا ئۇچراپ ...