جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 10- مايدىكى ئۇچۇرى: دايملېر ئاپتوموبىل گۇرۇھى يېقىندا قارىمىقىدىكى مېرسېدېز بېنز ۋە سمارت ماركىلىق ئاپتوموبىلنىڭ 4- ئايدىكى سېتىلىش مىقدارىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى. پۈتۈن يەر شارى ۋە ھەر قايسى رايونلۇق بازارلارنى قاپلىغان مېرسېدېز بېنز ماركىلىق ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارى 104 مىڭ 344 دانە بولۇپ، 2011- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا ئاران %3.6 كۆپەيگەن.