رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئالېكساندىر رۇكوۋ 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ئىقتىسادىي مۇنبىرىگە قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ‹بۇ يىل رۇسىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى 70مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇشتەك يېڭى يۇقىرى پەللىگە يېتىشى مۇمكىن›.
ئۇ يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ‹رۇسىيە - جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقى ئۇدا ناھايىتى مۇقىم تەرەققىي قىلىپ كەلدى، ئۆتۈپ كەتكەن 8 ئايدا ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى %80 ئاشتى، بىز شۇنىڭغا تولۇق ئىشىنىمىزكى، بۇ يىل رۇسىيە - جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى 07 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى يېتىپ، يېڭى رېكورت يارىتىدۇ. جۇڭگو - رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقى دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى›.
ئىگىلىنىشىچە، 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ئىقتىساد مۇنبىرىگە 500 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسلىقى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىكەن. بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرلىقى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان. مۇنبەر جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەسىلىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ