ئالما سەنشىڭنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەبرىكلىدى

0 2012-05-10 11:26:30   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 Galaxy ئەقلىيفونىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا قىزغىن سېتىلىشى ئاستىدا ، سەنشىڭ بۇيىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە نوكىيادىن ئېشىپ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ يانفۇن زاۋۇتىغا ئايلاندى ، ئالمىمۇ ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەبرىكلىدى .

  ئالما ئالدى بىلەن سەنشىڭنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى . ئۇلارنىڭ قارىشىچە سەنشىڭ يانفۇنلىرى خېلى ياخشى ياسالغان ، لېكىن سىرتقى لاھىيىسى ۋە بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى iPhoneدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ، شۇڭا مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ، سەنشىڭ ئالمىغا رەھمەت ئېيتسا بولىدۇ .
   گەرچە ئىككى شىركەتنىڭ پاتنېت دەۋاسى  تېخى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ پوزىتسىيىسىدە ئازراق ئۆزگىرىش بولدى . يېقىندا ئالما ۋە سەنشىڭ ئىككى تەرەپنىڭ پاتنېت دەۋاسىدا بىر بىرسىگە يول قويدى ، ئالما سەنشىڭغا قارىتىلغان بىرقىسىم پاتنېت شىكايىتىدىن ۋاز كەچتى ، سەنشىڭمۇ ئالمىغا بولغان شىكايىتىنى 12دىن 7گە تۆۋەنلەتتى .
    لېكىن ئالما بىلەن سەنشىڭنىڭ پاتنېت دەۋاسىدىكى پوزىتسىيىسىمۇ قىل ئۈستىدە تۇرىۋاتىدۇ ، چۈنكى ئالما ئىزچىل ، سەنشىڭ ئەقلىيفونلىرى ئالما iPhone نىڭ لاھىيىسىنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىپ ، ئالمىنىڭ كەسپىگە ئېغىر چەكلىمە ئېلىپ كەلدى ، شۇڭا سەنشىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن تۆلەم تۆلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ .
   سەنشىڭمۇ ئۆزىنىڭ پىكرىدا چىڭ تۇردى ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىيفونلىرىنىڭ لاھىيىسى ھەرگىزمۇ iPhoneدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئەمەس ئىكەن ، بۇندىن باشقا سەنشىڭنىڭ  تېخىمۇ كۆپ بولغان زېھنى كۈچ ۋە مەبلەغ چىقىرىپ كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاش پىلانى بار ئىكەن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر