ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 9-ماي ئامېرىكا رادىئو شېركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى قارشى تۇرۇش پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ ھەمجىنسلارنىڭ توي قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تارىختىكى تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش داۋامىدا ھەمجىنسلارنىڭ توي قىلىشىنى ئوچۇق-ئاشكارە قوللىغان زۇڭتۇڭ بولۇپ قالدى.
ئوباما زىيارەت داۋامىدا، ئۆزى ۋە قول ئاستىدىكىلەر، بىر قىسىم ھەمجىنس ئوفىتسىرلار، ئايالى مىچىل شۇنداقلا ئىككى قىزى بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئويلىنىش ئارقىلىق بۇ قارارنى چىقارغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئاشكارا ھالدا ھەمجنسلارنىڭ توي قىلىشىنى قوللايدىغانلىق پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىدى.
بۇنىڭدىن بۇرۇن ئوباما گەرچە ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ھەمجىنسلارغا ياردەم بېرىپ ھەرخىل ھوقۇقلاردىن بەھرىمان قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ئاشكارا ھالدا ھەمجنىسلارنىڭ قوللايدىغانلىقى بىلدۈرمىگەنىدى. ئەمما يېقىندا بۇ مەسىلە قايتىدىن قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ۋە مائارىپ مىنىستىرىمۇ ھەمجىنسلارنىڭ توي قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوبامانىڭ بۇ قاراى ئۆز مەيدانىنى ئۆزگەرتىشى بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ گەرچە ھەمجىنسلارنى قوللىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا قارشى تۇرغان بولۇپ، دائىم ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە «ئىدىيە توقۇنۇشى» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتاتتى. 2008-يىلىدىكى سايلامدا ئۇ ھەمجىنسلارنىڭ توي قىلىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ئوبامانىڭ بۇ قارارى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكىلەر بىلەن بولغان چېگرىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئۇنىڭ رەقىبى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى رومنېي شۇ كۈنى دەرھاللا قارشىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەنچە نىكاھ بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىش.»
ئەمما ئوباما تەكىتلەپ: «ھەمجىنسلارنىڭ توي قىلىشىنى قوللاش مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ مەيدانىم، ھەمجىنسلارنىڭ تويىنى قانۇنلاشتۇرۇش-قانۇنلاشتۇرماسلىقنى يەنىلا ھەرقايسى شتاتلار ئۆزلىرى قارار قىلىدۇ.» دېدى. نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ سەككىز شتاتى ۋە پايتەختى ۋاشنگتون تۇرۇشلۇق كولومبىيە ئالاھىدە رايونى ھەمجىنسلارنىڭ نىكاھىنى قانۇنلاشتۇردى.
گاللۇپنىڭ بۇ ھەپتىدە ئېلان قىلغان خەلق رايىنى سىناش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى %50 قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ھەمجىنسلارنىڭ نىكاھىنى قانۇندا ئېتىراپ قىلىشنى قوللايدىكەن. بۇ مەسىلىدە ئىككى پارتىيە ئارىسىدا زور ئىختىلاپ مەۋجۇت، بۇنىڭ ئىچىدە %65 دىموكراتچىلار ۋە %57 مۇستەقىل سايلىغۇچىلار ھەمجىنسلارنىڭ نىكاھىنى قوللايدىكەن، %74 جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ھەمجىنسلارنىڭ نىكاھىنى قانۇنلاشتۇرماسلىق كېرەك دەپ قارايدىكەن.
بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بىدېن 6-ماي كۈنى ھەمجىنسلارنىڭ نىكاھىنى «قەتئىي قوبۇل قىلىدىغان» لىقىنى بىلدۈرگەنىدى، مائارىپ مىنىستىرى دۇنكان 7-ماي ئىپادە بىلدۈرۈپ، ھەمجىنسلارنىڭ توي قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئىككى كابىنېت ئەزاسىنىڭ پىكىرى كىشىلەرنى ئاق ساراي مەقسەتلىك ھالدا مەيدانىنى ئۆزگەرتتىمىكىن دېگەن ئويغا سالدى. ئەمما ئاق ساراي كەينىدىن بۇ ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئوبامانىڭ سىياسەتنى ئۆزگەرتىشىدە ھېچقانداق مەقسىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان بولۇپ، بۇ پوزىتسىيە ھەمجىنسلار توپىنى ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندۈردى.
يەنە بەزى ئانالىزلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئومابانىڭ مەيدانىنى ئۆزگەرتىشى پارتىيە ئىچىدىكىلەرنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىغانىكەن، ھەتتا بېدىن ۋە دۇنكان تەرىپىدىن «گۆرۈگە ئېلىنغان.» سەۋەبى مۇشۇنداق ئاشكارە پوزىتىسىيە بىلدۈرۈش سىياسىي مىنا رايونىغا كىرگەندىن پەرقى يوق بولۇپ، دىننىي كونسېرۋاتىپلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ مۇمكىن، يەنە كېلىپ ئوخېئو، پېنسىلۋانىيە، ۋىرگىنىيە قاتارلىق ئامېرىكا سايلىمىدىكى ئاساسلىق تۇراقسىز شىتاتلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى تالاش-تارتىشى ناھايىتى جىددىي بولۇپ، يېنىكلىك بىلەن پوزىتىسىيە بىلدۈرۈش ئوبامانىڭ شۇ يەردىكى سايلام ۋەزىيىتىگە تەسىر قىلىشى ھەتتا ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭ داۋاملىق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش پىلانىغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن.