مېكسىكا ساقچىلىرى پارچىلىۋېتىلگەن 18 جەسەتنى بايقىدى

0 2012-05-11 11:01:50   خەلىقئارا تور لىنىيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   مېكسىكا ۋاقتى 9-ماي مېكسىكىنىڭ غەربىدىكى گۇۋادالاخالا شەھەر ئەتراپىدىكى ئىككى ماشىنىدىن تىنى ۋەھشىيلەرچە پارچىلىنىپ بېشى كېسىۋېتىلگەن 18 جەسەتنى بايقىدى.
   خالىسىكې رايونىدىكى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى لونادو مۇنداق دېدى:«ساقچى تەرەپ پالا كۆلىگە يېقىنراق جايدىكى توختىتىلغان ئىككى ماشىنىدىن 15 ئادەم بېشىنى تاپقان بولۇپ، كېيىن پارچىلىۋېتىلگەن جەسەت پارچىلىرى ئارىسىدىن ئۈچ باشنى تاپقان».
   لونادو مۇنداق دېگەن:«بۇ جەسەتلەرنىڭ ھەممىسى پارچىلىۋېتىلگەن بولۇپ، جەسەت بايقالغان جاي يىڭى ئەسىر ،شىنالويا،زىتاس قاتارلىق بىر نەچچە زەھەر ئەتكەسچىلەر گۇرۇھى تالىشىۋاتقان يەردۇر، بۇ جايدا دائىم توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ».
   بۇ جەسەت پارچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە زىتاس گۇرۇھىنىڭ بەلگىسى ئۇرۇلغان بولۇپ ساقچى دائىرىلىرى بۇ دېلونى بۇ گۇرۇھنىڭ سادىر قىلىش ئېھتىماللىقى چوڭ دەپ قارايدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博