99 ياشلىق بوۋاي 96 ياشلىق ئايالىنىڭ نۇرغۇن يىللار ئىلگىركى تالاغا قاراپ قالغان ئىشىنى بىلگەندىن كېيىن ئاجراشماقچى بولغان

0 2011-12-31 12:23:17   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   

   جۇڭگو ئاخبارات تورى،30-دېكابىر تېلىگىراممىسى:

   چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 29-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،ئىتالىيەلىك بىر جۈپ ئەر-ئايال دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ ئاجراشقۇچىلار بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن.بۇ يىل 99 ياشقا كىرگەن ئەر 96 ياشلىق ئايالى بىلەن نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى ئىكەن.

  بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ توي قىلغىنىغا 77 يىل بولغان بولۇپ،يولدىشى ئانتونىئو 99 ياشتا،ئايالى روسا 96 ياشتا ئىكەن.ئانتونىئو روژدىستىۋو بايرىمىنىڭ ھارپاسىدا تارتمىدىن بىر نەرسە ئىزدەۋېتىپ،توساتتىن ئايالىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 40 -يىللىرىدا ئاشنا تۇتقانلىقىنى بايقاپ قالغان،گەرچە بۇ ئىشنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە نەچچە ئون يىل بولغان بولسىمۇ ،ئانتونىئو ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغان قويغان.روسا خاتالىقىنى تونۇغان بولسىمۇ يولدىشىنى ئاجرىشىشتىن ۋاز كەچتۈرەلمىگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博