5-ئاينىڭ 8-كۈنى شاھزادە ۋېليام ئايالى كەيت خانىش بىلەن بىرگە Thirty Club نىڭ لوندون Claridge’s مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزگەن خەيرى- ساخاۋەت پائالىيىتىگە قاتناشتى .
29 ياشلىق ۋېليام بىر يۈرۈش قارا كىيىم كىيگەن ، ئۇنىڭ سول تەرىپىدە يارىشىملىق بىر قۇر ئاق كۆڭلەك كىيگەن كەيت خانىش ياندىشىپ ماڭغان بولۇپ ، ئۇنىڭ پۇتىغا كىيىۋالغان قىممەت باھالىق ئايىغى ئاق كۆينەك بىلەن ماسلىشىپ ،ئۇنى تېخىمۇ ئېسىل قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى .
كەيد خانىش باشقا ئاياللارغا ئوخشاش گۈزەللىكنى قوغلىشىدىغان بولۇپ ، پارچە سېتىلىشى 750 ئامېرىكا دوللىرى بولغان 4.5 دىيوملۇق ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى كىيىپ قاملاشقان بەدىنى ، گۈزەل لاتاپىتىنى نامايان قىلغان .
ئالدىنقى ھەپتە ۋېليام بىلەن كەيتنىڭ توي قىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ ، ئىككىيلەن ئەنگلىيە شەرقىي قىسمىدىكى Sufflok دېڭىز ساھىلى ئەتراپىدا كەيتنىڭ دوستىنىڭ تويىغا قاتناشقان .