سۇدان ھۆكۈمىتى 15 - ئاپرېل جەنۇبىي سۇداننى نېفىت ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى ھەم ئەگەر نېفىت ئەسلىھەلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، ئىككى دۆلەت توقۇنۇشى «يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشى» مۇمكىن، دېدى.
سۇدان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماراۋېيخ شۇ كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بىز جەنۇبىي سۇداننى سۇداننىڭ نېفىت سانائىتىدىكى ئاساسىي ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرىمىز. جەنۇبىي سۇدان نېفىت ئەسلىھەلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى. بۇ، جەنۇبىي سۇداننىڭ توقۇنۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ».
بۇنىڭدىن باشقا سۇدان ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇدان ئاخبارات مىنىستىرى مارسال 15 - ئاپرېل ھەر قانداق نېفىتلىكنىڭ سۇدان ئارمىيەسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى ھەم ئەگەر سۇدان نېفىتلىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، جەنۇبىي سۇدان بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دېدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جەنۇبىي سۇداننىڭ ئاخبارات مىنىستىرى بونيامىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 15 - ئاپرېل كەچقۇرۇن سائەت 6 دە، سۇدان ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ خاجىلىجى نېفىتلىكىنى بومباردىمان قىلىپ، بۇ نېفىتلىكنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلىش سېستىمىسى ۋە ماي ساقلاش باكىنى ۋەيران قىلىۋەتتى، دېدى.