شىنخۇا ئاگېنتلىقى،جۇبا،15-يانۋار تېلىگىراممىسى:
جەنۇبىي سۇداننىڭ ئاخبارات مىنىستىرى بىنجامىن ئۈلۈشكۈن مۇنداق دېدى:دۆلىتىمىزنىڭ جۇنىرىي ئۆلكىسىدە يېقىندا يۈز بەرگەن توقۇنۇش 57 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى،50 نەچچە ئادەم يارىلاندى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى:شۇ كۈنى مورلى قەبىلىسىنىڭ 400 دىن كۆپرەك قوراللىق ئادىمى لونىئۇر قەبىلىسىنىڭ كەنتىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئۇخلاۋاتقان كىشىلەرنى قىرغىن قىلدى،قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار.