شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ،گېرمانىيەلىك 86ياشقا كىرگەن بىر ياشانغان موماي گېرمانىيە كورتبۇس بەسلىشىش مۇسابىقە نەق مەيدانىدا ،قوش تورنىك ۋە ئەركىن گىمناستىكا ھەركىتىنى تاماملىدى .
بۇ ياشانغان موماينىڭ ئىسمى يوھان .كۇۋاس بولۇپ، ئۇ تاماملىغان ئەركىن گىمناستىكىنىڭ ھەركەتلىرى تىك تۇرۇپ موللاق ئېتىش ،يان تەرەپكە تايىنىپ موللاق ئېتىش ،ئارقىغا موللاق ئېتىش ، پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ تىك تۇرۇش قاتارلىقلار . ئۇ قوش تورنىك ئۈستىدە ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيە بىلەن ئۆزىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ياخشى ساقلاپ ھەركەتلەرنى قىلچە قىينالماي تاماملىغان .
كۇۋاسنىڭ نامايەن قىلغان كۈچى ،تەڭپۇلىقىنى ساقلاش ئىقتىدارى ۋە چاققانلىقىنى ئۇنىڭدىن 20-30ياش كىچىك ياشلارمۇ قىلالمايدۇ.