گوك بىلەن ياش قىز دوستى دەنىل شادىت
گوكنىڭ تۇنجى ئايالى گېشىرد
گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 28-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 72 ياشلىق يوئاشىم گوك گېرمانىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىتتىپاق ۋە ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە بىرلىكتە نامزاتلىققا كۆرسەتكەن يېڭى پىرېزىدېنت نامزاتى ئىكەن، گوكنىڭ بۇ يىل 18-مارت گېرمانىيە فېدېراتسىيە قۇرۇلتىيى سايلىمىدا يېڭى پىرېزىدېنت بولۇشىغا قىل سىغمايدۇ.
گوكنىڭ نىكاھ مەسىلىسى پۈتۈن گېرمانىيە ئەڭ دىققەت قىلىدىغان تېمىغا ئايلاندى. چۈنكى گوك تۇنجى ئايالى گېشىرد بىلەن چىقىشالمىغانلىقتىن 20 يىل بۇرۇنلا ئايرىلىپ تۇرغان، بىراق ئىككەيلەن رەسمىي ئاجراشمىغان. ھازىر، گوك ئۆزىدىن 20 ياش كىچىك قىز دوستى دەنىل شادىت بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىدۇ. گېرمانىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شېرودېر ئىلگىرى 4 قېتىم، گېرمانىيەنىڭ ھازىرقى باش مىنىستىرى مېركىل ئىككى قېتىم توي قىلغان ئىدى، گەرچە گوكنىڭ نىكاھ مەسىلىسى ئۇنىڭ ھوقۇق تۇتۇشىغا تەسىر كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنسىرەۋاتقىنى، ئەگەر گوك پىرېزىدېنت بولسا، گېشىرد بىلەن شادىتنىڭ قايسىسى گېرمانىيەنىڭ بىرىنچى خانىمى بولىدۇ دېگەن مەسىلە.