27 يىل ئىلگىرى «قاتىللىق جىنايىتى ئۆتكۈزدى» دەپ خاتا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، تۈرمىگە قامالغان ئەنگلىيىلىك ئەر يېقىندا DNA تېخنىكىسىنىڭ ياردىمىدە ئاقلىنىپ، بىگۇناھ دەپ قويۇپ بېرىلدى.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيە ئەرزىيەت سوتى بۇ دېلوغا قايتا قاراپ چىققاندىن كېيىن، يېڭى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن، ئۆتكەن ھەپتە 58 ياشلىق شوۋن خوجېسوننى گۇناھسىز، دەپ قويۇپ بەرگەن. گەرچە خوجېسوننىڭ چىرايى ناھايىتى تاتىراڭغۇ بولسىمۇ، ئۇ ئاقلانغانلىقىدىن بەكلا خۇشال كۆرۈنەتتى.
1979-يىلى ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي ئامپتون شەھىرىدىكى بىر قاۋاقخانىنىڭ 22 ياشلىق مۇلازىمەتچىسى تېرىسا سىمون قاۋاقخانىنىڭ يېنىدا بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، 28 ياشلىق خوجېسون باش جىنايەت گۇماندارى، دەپ قارىلىپ قولغا ئېلىنغان، 1982-يىلى قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيىدە DNA تەكشۈرۈش تېخنىكىسى يوق، يەنە كېلىپ نەچچە قېتىملىق سوراق جەريانىدا خوجېسوننىڭ ئىقرار سۆزى بىردەك بولمىغاچقا، ھەتتا ئۆزىمۇ قاتىللىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغاچقا، يەرلىك سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ قاتىللىق جىنايىتىنى بېكىتىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
لېكىن شۇنىڭدىن بۇيان خوجېسون ئۆزىنى گۇناھسىز، دەپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئادۋوكاتى: خوجېسون يېنىك دەرىجىدە نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئۇ ئىلگىرى ئۆزى ئەزەلدىن سادىر قىلمىغان باشقا جىنايەتلەرنىمۇ ئۈستىگە ئالغان، دېدى. بۇلتۇر خوجېسون ئادۋوكاتىنىڭ يەنە ئەرز سۇنۇشىنى ھاۋالە قىلغان.
ساقچىلار DNA تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى قاتىللىق مەيدانىدىن ئېلىنغان ئىسىپېرمىنىڭ خوجېسوننىڭ ئەمەسلىكىنى بايقىغان. ئەنگلىيە ئەرزىيەت سوتى بۇ يېڭى دەلىل-ئىسپاتنى ئاساس قىلىپ، خوجېسوننى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بەردى.
ھازىر ساقچىلار ھەقىقىي قاتىلنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن شۇ قېتىمقى قاتىللىق دېلوسىنى قايتا تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ