خەلقئارا ئاخبارات لېنىيسىنىڭ مەخسوس خەۋىرى ؛ئەنگىلىيە "قۇياش گېزىتى "نىڭ 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى دوكىلاتى ،يېقىنقى بىر مەزگىلدە بىر بوۋاقنىڭ تىكتاك توپ ئوينىغان سىنئالغۇسى توردا غۇلغۇلە قوزغىدى .سىنئالغۇدا بۇ يىل 18 ئايلىق بولغان بىر ئەنگىلىيەلىك بوۋاق ئولتۇرۇپ تىكتاك توپ ئويناۋاتقان ،بىر تال-بىر تالدىن دادىسى ئېتىپ بەرگەن توپنى قايتۇرۇپ ئۇردى .ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى بولسا ،بۇ گەپمۇ قىلالمايدىغان بوۋاقنىڭ توپ قايتۇرۇش نېسبىتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ .بۇ سىنئالغۇ توردا ئېلان قىلىنىغاندىن كىيىن ،قىسقىغىنە 4 كۈن ئىچىدە 630 مىڭ قېتىم چېكىلىپ كۆرگەن .
دوكىلاتتا ،بۇ 90 سىكوتلۇق سىنئالغۇدا ،ئەنگلىيە پلىموۋت شەھىردىن كەلگەن بوۋاق جىمى ،ئىنتايىن پۇختا مۇقىم ئولتۇرغان مۇنتىزىم ئۆلچەملىك تىكتاك توپ ئۈستىلى ئۈستىدە ،دادىسى تەرەپتىن توپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا .جىمى دۇنيا بويىچە ئەو كىچىك تىكتاك توپ ماھىرى بۇلۇپ قالدى .45 ياشلىق ئاتىسىنىڭ ئېيتىشىچە ،جىمى ئىنتايىن تېزىلىك بىلەن توپنىڭ يۆلىنىس ۋە سۈرئىتىگە ماسلىشىلايدىكەن ،بۇ ئىنتايىن ئىشىنىش تەس بولغان ئىش .بۇ ئادەتتىكى بىر ئائىلەنىڭ بۇ سىنئالغۇسىنى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى قوغلاپ يۈرۈپ زىيارەت قىلىماقتا .
بۇ بوۋاقنىڭ دادىسى ئىلگىرى ئەنگىلىيەنىڭ تىكتاك توپ دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئىكەن ،نۆۋەتتە بىر ماشىنا ئىجارە بېرىش شىركىتى تىجارىتىنى قىلىدىكەن .