2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يادرو بومبا 150مىليون كىشىگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ
ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جەڭگاھ بولغان ئوكىناۋادا پۇقرالار تاشلىۋېتىلگەن بومبىنىڭ تالاپىتىنى يەتكۈدەك تارتىۋېتىپتۇ. ياپونىيە قۇرۇقلۇق قوغدىنىش قىسىمى 1مىليون 370مىڭدىن كۆپرەك ھەرخىل بومبىنى يىغىۋالغان بولسىمۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، تەخمىنەن 2500توننا ئوق-دورا تېخى بىرتەرەپ قىلىنمىغان. بۇ ئوق-دورىلارنى بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن، يۈز يىل كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئەھۋال ئوكىناۋادىلا مەۋجۇت ئەمەس. ستاتىستىكىغا قارىغاندا، 40نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا تاشلىۋېتىلگەن بومبىنىڭ خەۋپى 150مىليون كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا تەھدىت سېلىۋېتىپتۇ.
يېقىنقى يۈز يىلدا دۇنيادىكى ئاساسلىق جەڭگاھلاردا تاشلىۋېتىلگەن ھەرخىل بومبىلار بارغانسېرى كۆپەيدى. بولۇپمۇ، ئۇزاق مەزگىل ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىراق، ئافغانىستان، كامبودژا، ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر تاشلىۋېتىلگەن بومبىنىڭ تالاپىتىنى يەتكۈچە تارتىۋاتىدۇ. ستوكھولىم تىنچلىق تەتقىقاتخانىسىنىڭ تولۇقسىز ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، تەخمىنەن 40دۆلەت ۋە رايون تاشلىۋېتىلگەن بومبا ۋە مىنانىڭ تالاپىتىگە ئۇچراۋېتىپتۇ. بۇ جايلاردا 90مىليون ئۆپچۆرىسىدە تاشلىۋېتىلگەن بومبا ۋە مىنا بار ئىكەن. تەخمىنەن 150مىليون پۇقرا تاشلىۋېتىلگەن بومبىلارنىڭ ۋەھىمىسىدە ياشايدىكەن.
ئىراق ۋە ئافغانىستان جەڭگاھىدا تاشلىۋېتىلگەن بومبىلار بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتكەن. 2003-يىلى سادام ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندا، نۇرغۇن مىنا، بومبا ۋە پارتلاتقۇچ دورا ئامېرىكىغا قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىپ، يول بويىغا قويۇلىدىغان بومبا قىلىپ ئۆزگەرتىلگەچكە، ئىراقتا تۇرۇۋاتقان 4000دىن كۆپ ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە يۈزمىڭدەك ئىراق پۇقراسى مۇشۇنداق بومبىلارنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك قۇربانى بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندا ھىندۇقۇش تاغلىق رايونىغا تاشلاپ كەتكەن ئايروبومبا، شۇنداقلا قەستەن تاشلىغان «يەمچۈك بومبا» ھېلىھەم يەرلىكلەرنى تالاپەتكە ئۇچرىتىۋاتىدۇ. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خېلماند ئۆلكىسىدىكى مەلۇم يېزىدا تاشلىۋېتىلگەن بومبا سەۋەبىدىن، مېيىپ بولغان ۋە ئۆلگەنلەر مەزكۇر يېزا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن.
ۋيېتنام، لائۇس ۋە كامبودژا ۋيېتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ئۇدا ئالا قويماي بومباردىمان قىلىنغان. يېقىنقى يىللاردا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردىمىدە مەزكۇر رايوندىكى تاشلىۋېتىلگەن بومبىلار كۆپ قېتىم يىغىۋېلىنغان بولسىمۇ، پارتلىماي قالغان بومبىنىڭ تالاپىتىگە ئۇچراش ئەھۋاللىرى ھېلىھەم پات-پات يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ