ياپونيە دىموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان 9نەپەر پارلامېنت ئەزاسى پارتىيىدىن چېكىنىپ چىقىش ئىلتىماسى تاپشۇردى

18 2011-12-29 11:31:15   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    شىنخۇا تورىنىڭ توكيو 28-چىسلادىكى تېلىگراممىسى:ياپونيىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان دىمكوراتلار پارتىيىسىدىن بولغان 9نەپەر ئاۋاپ پالاتا ئەزاسى يوشىكىخونو رەھبەرلىك قىلغان ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىمال بېجى نىسبىتىنى ئاشۇرۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ،دىمكوراتلار پارتىيىسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسىگە پارتىيىدىن چېكىنىش ئىلتىماسى تاپشۇرغان.

   خەۋەرگە قارىغاندا،پارتىيىدىن چېكىنىش ئىلتىماسى سۇنغانلار بولسا ئىلگىركى ئومۇمىي ئىشلار ۋازارىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئەمەلدارى شەنخۇاڭ قاتارلىق 9ئادەم ئىكەن.ئۇلار ئىپادە بىلدۈرۈپ،يوشىكىخونونىڭ ئىستىمال بېجى نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى دىمكوراتلار پارتىيىسىنىڭ 2009-يىلىدىكى ئاۋام پالاتاسى سايلىمىدىكى‹‹4يىلغىچە ئىستىمال بېجىنى يۇقىرى كۆتۈرمەسلىك مەسىلىسى››دىكى سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىش پىروگراممىسىغا خىلاپ ئىكەن.بۇنىڭدىن كېيىنلا دىمكوراتلار پارتىيىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى  ئۇچىياما يىغىنىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ،ئۇلارنى ئېلىپ قالمايمىز دېگەن.
 

   ياپونيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئانالىز قىلىپ،يوشىكىخونو كېلەر يىلى 3-ئايدا ئىستىمال بېجىنى ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لاھىيىسىنى پارلامېتىا قويماقچى بولغان،ناۋادا مۇشۇنداق پارتيىدىن چېكىنىدىغانلار داۋاملىق ئاشسا،ئۇنداقتا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلى تەۋرەپ قالىدۇ دەپ قارىدى.

   يوشىكىخونو 27-چىسلا دىمكوراتلار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇللىرىغا كۆرسەتمە بېرىپ،پارتىيە ئىچىدە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىستىمال بېجىنى ئاشۇرىدىغان باج نىسبىتى بىلەن ۋاقىت مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلىشنى تەلەپ قىلغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博