28-دېكابىر، 2011-يىللىق ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز بايرىمى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا باشلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق يىپەك يولى قار-مۇز بايرىمىنى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈشنى بېكىتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا قارلەيلىسى تېغى قار تېيىلىش مەيدانى، ئاق بۇلۇت خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، تەڭرىتاغ لى دۇ قار تېيىلىش مەيدانى ۋە ۋېستى قار تېيىلىش مەيدانلىرى قوشۇمچە بايرام ئۆتكۈزۈش مەيدانى قىلىنغان ئىكەن.
بايرام مەزگىلىدە، ھەرقايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرى ئېگىز تاغدىن قار تېيىلىش خەلقئارا تەكلىپ مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك «يىراق شەرق لوڭقىسى» ئېگىز تاغدىن قار تېيىلىش مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان.
بۇ قېتىملىق قار-مۇز بايرىمى ئالاھىدە قار - مۇز ساياھەت ماركىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، كۆپ ئاساسلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىش، قىشلىق ساياھەتچىلىك بازىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئارقىلىق ئۈرۈمچىنىڭ خەلقئارا قار-مۇز ساياھەت شەھىرى ئوبرازىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا نامايەن قىلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شەھەرلەر ئوتتۇرسىدىكى رىقابەت كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ قىش پەسلىدىكى تۇرمۇشىنىڭ رەڭدارلىقىغا زور تۆھپە قوشىدىكەن.
روسىيە قورال-ياراغ سودىگىرى بۇتېنىڭ ئايالى ئامېرىكىدا تۇرۇ...
تالىبانلار تۇتقۇن قىلىۋالغان شۋېتسارىيەلىك ئەر-ئايالنىڭ قۇ...
ھىندونېزىيە 2004-يىلدىكى ھىندى ئوكيان دېڭىز شاۋقۇنىنىڭ 7 يىلل...
89ياشقا كىرىپمۇ پاراشوت بىلەن سەكرەشنى داۋام ئېتىپ كەلگەن شا...
سېربىيەدە روژدىستىۋو بوۋايلارنىڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈ...
لوندوندىكى داڭلىق تۈرلۈك ماللار سودا سارىيى جۇڭگولۇقلار بى...