شىنجاڭ تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلىگە «دۆلەتلىك سۇ ئىنشائاتى مەنزىرە رايونى» ۋېۋىسكىسى ئېسىلدى

0 2011-12-29 12:17:15   جۇڭگو رادىيو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   دۆلەتلىك سۇ ئىنشائاتى مىنىستىرلىقى يېقىندا 11 - تۈركۈمدىكى سۇ ئىنشائاتى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، دۆلەتلىك سۇ ئىنشائاتى مەنزىرە رايونى گۇۋاھنامىسى ۋە ۋېۋىسكىسىغا ئېرىشتى.

   يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، دۆلەتلىك سۇ ئىنشائاتى مەنزىرە رايونىنىڭ مەلۇمات سىياسىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى جايلاشقان فۇكاڭ شەھىرى سۇ ئىنشائاتى كەسپىدە بۆسۈش خارەكتېرلىك تەرەققىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈلدى، بولۇپمۇ، سۇ ئىنشائاتى مىنىستىرلىقىنىڭ سۇ ئىنشائاتى مەنزىرە رايونى قۇرۇپ چىقىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چۆرىدەپ، سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەلىرى بىلەن مەدەنىيەت مەزمۇنىنى جانلىق بىرىكتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سۇ مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، ئاكتىپلىق بىلەن ئېسىل مەنزىرە رايونى يارىتىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

   نۆۋەتتە، تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ سەنگۇڭ دەريا سىستېمىسىنى بويلىغان ئاساستا، ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش تەمىنات لىنىيىسى، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش كاپالەت لىنىيىسى، ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە لىنىيىسى بىر گەۋدىلەشكەن سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى قۇرۇش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشتى. بۇ قېتىم تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلىنىڭ دۆلەتلىك سۇ ئىنشائاتى مەنزىرە رايونى قىلىپ باھالىنىشى فۇكاڭ شەھىرىنىڭ ئوبرازىنى ئۆستۈرۈش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博