مېكسىكىدىكى بىر شەھەر پارىخورلۇقنى يوقىتىش ئۈچۈن پۈتكۈل ساقچىلارنى ئىشتىن بوشاتتى

0 2011-12-26 10:55:12   جۇڭگو ئاخبارات تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،مېكسىكىدىكى پورت شەھىرى ۋېراكرۇز 21-چىسلا مەزكۇر شەھەردىكى بارلىق ساقچىلارنى ئىشتىن بوشاتقان.مېكسىكا ئەمەلدارلىرى ئاللىقاچان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قىسىملىرىنى شەھەر ئىچىنى چارلاشقا ئەۋەتكەن.

  ۋېراكرۇز شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىپادە بىلدۈرۈپ،بۇ قارار ساقچى تارماقلىرىدىكى چېرىكلىشىشنى يوقىتىش ئۈچۈن چىقىرىلغان، بۇ ساقچى تارماقلىرىنى قايتا قۇرۇش قەدىمىنىڭ باشلىنىشى دېگەن.

  مەزكۇر شەھەر تۇرۇشلۇق شىتاتنىڭ باياناتچىسى دومگىس،بۇ قېتىم جەمئىي 800نەپەر ساقچى بىلەن 300نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئىشتىن بوشىتىلدى دېدى.ئەمما ئۇ يەنە ئىپادە بىلدۈرۈپ،بوشىتىلغان خادىملار يەنە شىتات ساقچىلىقىغا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ،ئەمما بۇ ناھايىتى قاتتىق ئۆلچەمدىن ئۆتۈشى كېرەك دېگەن.

  خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە،مەزكۇر شەھەر 9-ئايدا 35جەسەتنى بايقىغان بولۇپ،ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇلارنىڭ تەشكىللىك جىنايەتچىلەر بىلەن ئالاقىسى بار ئىكەن.بۇمۇ مېكسىكا زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە قارشى جەڭنى باشلىغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلنىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博