چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 26-چىسلا، مېكسىكا خەلقى" چوڭ ھەجىمدىكى مۇردىلار نامايىشى" ئېلىپ باردى، نەچچە تۈمەن ئادەم ھەر خىل مۇردىلار قياپىتىدە ياسىنىپ، خەلق مەيدانىغا يىغىلدى، مۇردا نامايشىغا قاتناشقان ئادەم سانىنىڭ كۆپلۈك دەرىجىسى بىلەن جىنىس رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلدى.
خەۋەردە دېيىشچە، شۇ كۈنى مېكىسىكا پايتەختى مېكسىكا شەھىرى مەركىزىدە خەلق مەيدانىدا، تىتما-تىتما كىيىم كىيىۋالغان، مۇردىلارغا تەقلىد قىلىپ گىرىم قىلىۋالغان، ئالۋاستىلاردەك كۆرۈنىدىغان بىر تۈركۈم كىشى پەيدا بولدى، بەك ئوخشاپ كەتكەنلىكتىن كىچىك بالىلارنىمۇ قورقىتىۋىتىشى مۇمكىن ئىدى، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى كىشلەرنىڭ بەك ئوخشىتىپ ياسىنىۋالغانلىقىدىن بولغان، ئۇلار ئۈن-تىنسىز، سۈكۈتتە خەلق مەيدانىنى كېزىپ يۈرەتتى، بۇ مەنزىرە بەكمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.
ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ دېيىشىچە، بۇ " چوڭ ھەجىمدىكى مۇردىلار نامايىشى"غا تىزىملاتقان ئادەمنىڭ سانى 9860بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت شۇ يەر يېمەكلىك بانكىسىدىن ساخاۋەت پۇلى جۇغلاشتىن سىرت، يەنە مېكسىكا مەدەنىيتىنىڭ كۆپ خىللىقلىقىنى نامايان قىلىشكەن، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بۇ قېتىملىق مۇردا نامايىشىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئادەم قاتناشقان مۇردا نامايىشى بولۇپ، جىنىس رېكورتىغا كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرمۇ كۆپ ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، جىنىس رېكورتىغا كىرگۈزۈلگەن ئادەم سانى ئەڭ كۆپ مۇردا نامايىشى بولسا 2010-يىلى10-ئاينىڭ30-كۈنى ئامېرىكا يېڭى جېرسىي ئىشىتاتىدا ئۆتكۈزلگەن مۇردا نامايىشى بولۇپ، قاتناشقان ئادەم سانى 4093.ئالدىنقى ئايدا ئاۋىستىرالىيەدە ئۆتكۈزگەن مۇردا نامايىشىدا 8000ئادەم قاتناشقان بولۇپ، جىنىس رېكورتىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان.