مېكسىكا ھۈكۈمەت تەرەپ تەمىنلىگەن خەۋەرگە ئاساسلانغاندا،28-چېسلا مېكسىكا چېگرىسى ئىچىدە قۇراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ،ئاز دېگەندە 30 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. مېكسىكىنىڭ سىلونۋا شتاتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دەيدۇ:"28-چېسلا سەھەردە ئىككى دۈشمەن گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا قىرغىنچىلىق يۈز بېرىپ ،15 ئادەم ئۆلگەن،12 ئادەم يارىلانغان. شۇ كۈنى مېكسىكىنىڭ مىكۇۋاكېن شتاتىدا 3 قېتىم قۇراللىق ئېتىشىش يۈز بەرگەن،ھەربىي تەرەپ ۋە فىدراتسىيە ساقچىلىرى 10 نەپەر زوراۋانلىق گۇروھىنىڭ ئەزاسىنى ۋە 5نەپەر قۇراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ تاشلىغان،بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر نەپەر ئايال بار ئىكەن.بۇ يىل 1-ئايدىن 9- ئايغا قەدەر مېكسىكىدا 10مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قۇراللىق توقۇنۇشتا ئۈلۈپ كەتكەن. چىگۋاگۋا،سىلونۋا قاتارلىق تۆت شتاتتىكى ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئومۇمىي ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدىكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ