پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مالىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى:پاكىستان كەلگۈسىدە پاكىستان چېگىرىسى ئىچىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن ئاففانىستانغا بارىدىغان تولۇقلىما لىنىيىسىنى مەڭگۈلۈك قامال قىلىپ،شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىشلارنى تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھاۋادىن ھوجۇم قىلغانلىقىغا جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا،شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 26-نويابىر پاكىستاننىڭ شىمالىي رايونىدىكى ئىككى ھەربىي ئىشلارنى تەكشۈرۈش پۇنكىتىغا ھاۋادىن ھوجۇم قىلىپ،24 نەپەر پاكىستانلىق كوماندىر-ئەسكەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈپ،ئامېرىكىدىن 15 كۈن ئىچىدە پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدىكى ھەربىي بازىسىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ پاكىستان چىگىرىسى ئىچىدىكى تولۇقلىما لىنىيىسىنى دەرھال تاقايدىغانلىقىنى قارار قىلغان.
مالىك مۇنداق دېدى:<<شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيىسى پاكىستان دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ ھېسىياتىغا ھۆرىمەت قىلىشى كېرەك ئىدى>>.ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:پاكىستاننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تولۇقلىما لىنىيىسىنى قامال قىلىشى مەڭگۈلۈك بولۇپ،پاكىستان چېگىرىسى ئىچىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تىرانسىپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈشى چەكلىنىشكە باشلىدى.بۇ يولنىڭ قامال قىلىنىشى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيىسىنىڭ 50 پىرسەنتكە يېقىن تولۇقلىمىسىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ،ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادىن توشۇلىدىغان تولۇقلىما سانىنى تەدىرىجى كۆپەيتىپ،پاكىستانغا چۈشكەن زەربىنى يوقاتماقچى بولىۋاتىدۇ.
نۆۋەتتە،ئامېرىكا پاكىستان تەرەپ بۇ ھاۋا ھۇجۇمى ۋەقەسىدىكى كۆز قارىشىدا تالاش-تارتىش ساقلانماقتا.بۇ ۋەقەنىڭ دېپلوماتىيە مۇناسىۋىتىگە بولغان زەربىسى ناھايتى روشەن بولۇپ،پاكىستان كەلگۈسىدە ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئارمىيە دائىرلىرى بىلەن بولغان دېپلوماتىيە ھەمكارلىقىنى قايتىدىن ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇندىن ئىلگىرى،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پاكىستانغا ئامېرىكىدىن ھەربىي بازىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ئەمما پاكىستان تەرەپنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچىرىغان ئىدى.
ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دېپلۇماتىيە ۋەزىرى ئابدۇللا بىن زايىد 28-نويابىر ئىسلامئاباددا پاكىستان زۇڭتۇڭى زەرداۋى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشى يىغىنىدا زەرداۋى پاكىستانغا ئامېرىكىدىن ھەربىي بازىسىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىش تەلىپى توغرىسىدا قارار چىقىرىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى.ئەمما زەرداۋى بۇنى پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى قارار قىلىدۇ،بۇنى بىكار قىلىشقا بولمايدۇ،-دېگەن ئىدى.
ھەمبەھىرلىنىڭ