پاكىستان شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتنىڭ ياردەم يولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى

0 2011-11-30 11:27:51   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 
  11-ئاينىڭ 27-كۈنى،پاكىستاننىڭ بەشۋاردىكى ماتەم مۇراسىمى،ھەربىيلەر شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتنىڭ زەربىسىدە قۇربان بولغان سەپداشلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرمەكتە.شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانى 26-چېسلا ھاۋا ئارقىلىق پاكىستاننىڭ غەربى قىسىمدىكى مۇسىلىن ھەربىي پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ،24 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ،13 ئادەمنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى پاكىستان تەرەپنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچۇردى،پاكىستان تەرەپ قارار قىلىپ پاكىستان ئىچىدىكى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتنىڭ ئافغانىستان قىسمىغا ھەربىي لازىمەتلىك يەتكۈزۈش يولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى،ھەمدە پاكىستاننىڭ جەنۇبى قىسىمغا جايلاشقان شىمىس ھەربىي رايونىنى تىزدىن كۆچۈرۈپ كېتىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى.
شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ پاكىستاننىڭ غەربىدىكى مۇسىلىن ھەربىي رايونىغا قىلغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمدا 28 ھەربىينىڭ ئۆلۈشى ۋە 10 نەچچە كىشىنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،پاكىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قىسمى 26-چېسلا كەپتە قارار چىقىرىپ،پاكىستاننىڭ جەنۇبى قىسىمغا جايلاشقان شىمىس ھەربىي رايونىنى تىزدىن كۆچۈرۈپ كېتىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى.
        پاكىستان زۇڭلى ئىشخانىسىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە دوكلاتتا دېيىلىشىچە،پاكىستان زۇڭلىسى جىلانى ئىسلامئابادتا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ھەربىي تەرەپ بىلەن جىددىي قارار ماقۇللىغان.قاراردا دېيىلىشىچە،15 كۈن ئىچىدە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى پاكىستاننىڭ جەنۇبى قىسىمدىكى شىمىس ھەربىي بازىسىنى كۆچۈرۈپ كېتىشى كېرەك ئىكەن.ھەمدە بۇ قاراردا شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستانغا تەسىر كۆرسىتىشتىكى تەمىنات يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش قارار قىلىنغان.
        بۇ قاراردا دېيىلىشىچە،پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە ھەيئىتى يەنە قارا قىلىپ،پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا،شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا ياردەم بېرىش ئەترىتى قاتارلىقلارنىڭ بارلىق تۈرلىرى،ھەرىكەتلىرى ۋە بارلىق ھەمكارلىق شەرتنامىسىنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ قارار قىلىش ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى.يەنە دېيىلىشىچە،پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە ھەيئىتى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىنى پاكىستاننىڭ دۆلەت ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى قىلغانلىق دەپ قارايدىكەن،ھەمدە پاكىستان بۇ خىل ھەرىكەتكە قەتئىي چىداپ تۇرالمايدىكەن.بۇ قېتىمقى يىغىنغا پاكىستان فىدراتىسىيە باشلىقى،دۆلەت كېڭەش ئەزالىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى قاتارلىقلار قاتناشتى.
         پاكىستان دۆلەتلىك تېلىۋېزىرىيە دوكلاتى،تۇيۇقسىز زەربە بولغاندىن كېيىن،پاكىستان زۇڭلىسى يۇرتىغا قايتىپ ئارام ئېلىشىنى توختىتىپ تۇرغان،ھەمدە دەرھال پايتەخت ئىسلامئابادقا قايتقان،ۋە پاكىستان زۇڭتۇڭى ھاشىم بىلەن جىددىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.ھاۋا ھۇجۇمى بولۇپ بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن،پاكىستان شىمالى قىسىمدىكى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتنىڭ ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا باشلىغان.
        بىر نەپەر ئاشكارىلانمىغان شىمالى ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر نەپەر ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە،پاكىستاندىكى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش يولى ئەڭ مۇھىم ئۆتكەل ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博