تۈنۈگۈن ئەتىگەن ئۈرۈمچى قىزىل بايراق يولىدا بىر بىناغا ئوت كەتتى

7 2011-10-20 11:28:07   65933.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      تۈنۈگۈن ئەتىگەن يەنى10-ئاينىڭ19-كۈنى ئەتىگەن  شىنجاڭ ۋاقتى 7:30 لەر ئەتراپىدا ئۈرۈمچىنىڭ قايناق بازارلىرىدىن بىرى بولغان قىزىل بايراق يولىدا بىر بىناغا ئوت كەتكەن بولۇپ ئوت ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر،نەق مەيداندىن قويۇق ئىس-تۈتەك كۈتۈلۈۋاتقان بولۇپ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ھازىر نەق مەيدانغا يىتىپ كېلىپ ئوتنى قاتتىق تىزگىنلەۋاتىدۇ.
ھازىرقى بەزى ئەھۋاللارغا قارىغاندا بىناغا ئوت كېتىشنىڭ سەۋەبى نەق مەيداندىكى مال ئىسكىلاتىنىڭ توك يولىدىن چىققان چاتاق بولۇشى مومكىن دەپ پەرەز قىلىنماقتا،نەق مەيداندىكى بەزى كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە بۇندىن ئىلگىرى بۇ بىنادا بىر ئىسكىلاتنىڭ توك يولىدىن چاتاق چىقىپ ئوت تۇتاشقاندا ۋاقتىدا ئۆچۈرۈۋېلىنغانلىقتىن بەك چوڭ ئوت ئاپىتى كېلىپ چىقمىغان ئىكەن.
مۇخبىرىمىزنىڭ كېيىن تەمىنلىگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر ئوت تەخمىينەن 3:30 سائەتتىن كېيىن ئۆچۈرۋېلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك نەق مەيدان رەسىملىرى:


ھازىر نەق مەيداندا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئالدىراش نەق مەيداندىكى ئادەملەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئوتنى كونترول قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.
ھازىرچە بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس.


 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博