ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 1000 نەپەر ئالىي مەكتەپنى پۈتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەربىيىلىنىشىكە ئاتلاندى

0 2011-10-11 12:02:24   جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    8-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 300 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جياڭشىغا قاراپ يولغا چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ  يېڭى ئوقۇش ھاياتىنى باشلىدى.

    13-ئۆكتەبىردىن بۇرۇن، ئۈرۈمچىدىكى جەمئىي 1000 نەپەر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئالدى - كەينى بولۇپ ، جياڭشى ، ئەنخۇي ، لياۋنىڭ ۋە جىلىن  قاتارلىق ئۆلكىلەرگە بېرىپ بىر يىللىق تەبىيىلىنىپ چىنقتۇرۇلىدىكەن.

   2007-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سەلتەنەت مۇنداق دېدى:« مەن مەكتەپ پۈتتۈرگىلى 4 ،5  يىل بولغان بولسىمۇ خىزمىتىم پەقەت مۇقىم بولمىدى. مەن بۇ قېتىملىق ئوقۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، ياخشى ئۆگۈنۈپ ، قايتىپ كەلگەندە ئۆز يۇرتۇمغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن».

   تەربىيىلەپ چېقىنقتۇرۇش مەزگىلىدە ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئوقۇغۇچىلارغا قوشۇمچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش ، تەربىيىلىنىش مەزگىلىنى خىزمەت ئىستاژى قىلىپ ھېسابلاش ۋە تەربىيىلىنىش ئاخىرلىشىپ، تەكشۈرۈپ باھالاشتىن ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن سىناقتا ئىشلەش مەزگىلىنى كەچۈرۈم قىلىپ ، بىۋاستە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى  مەھەللە ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى ۋە يېزا كەنتلەرگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇدىكەن.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ  دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ ۋېي شېڭ قاتارلىق رەھبەرلەر پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزۇتۇپ قويدى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىپ قايتىپ كېلىشىگە ئىلھام بەردى.  جاڭ ۋېي شېڭ مۇنداق دېدى:« ھەردەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلار بۇ خىزمەتكە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلدى، ھازىر بۇ ئوقۇغۇچىلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بىر يىللىق تەربىيىلىنىشكە ئەۋەتىلدى ، بۇ ئوقۇغۇچىلار بىلىم قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ، تولۇقلاپ قايتىپ كەلسە ، ئۆز يۇرتىنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ  چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئۆزىنىڭ رولىنى ياخشى جارىي قىلدۇرالايدۇ».

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博