پوسكام ناھىيىسىدىكى دېھقانلار بەرەڭگە تېرىپ باي بولدى

0 2011-10-10 10:49:17   جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

   

    پوسكام ناھىيەسىدە ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، بەرەڭگە، زىرە قاتارلىق ئۆزگىچە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆپ قېتىم ھۇسۇل بېرىدىغان، "ئۈچ يۇقىرى" ئېتىز قۇرۇلۇشى سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈپ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان ، بولۇپمۇ شىنجاڭ بويىچە بالدۇر پىشىدىغان ئەڭ چوڭ بەرەڭگە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىغا يۈرۈش قىلىپ، دېھقانلارنى بېيىشقا يېتەكلىگەن،

    بىز بەرەڭگە بىلەن بېيىدۇق،_ دېدى دېھقانلارنىڭ بەرەڭگىلىكىگە سۇ باشلىشپ بېرىۋاتقان ئۇشتۇما كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت مۇدىرى ئابدۇسەمەت مۇھەممەت _ بەرەڭگە ئۆستۈرۈش ھازىر كەنتىمىزدىكى دېھقانلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان، كىرىمى ئەڭ ياخشى كەسپلەرنىڭ بىرى.  كەنتىمىز 2007- يىلى تۈنجى بولۇپ ناھىيە بويىچە بالدۇر پىشىدىغان بەرەڭگە يېتىشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتىلىپ، 220 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ھەممىسى بەرەڭگە ئۆستۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىندى. ئەزەلدىن بەرەڭگىنى بازاردىن ئېلىپ يەۋاتقان، ئەمما ئۆمرىدە  بەرەڭگە ئۆستۈرۈپ باقمىغان دېھقانلار دەسلەپتە بۇ ئىشقا پەقەتلا قىزىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز بىر تەرەپتىن يېزىمىزىدىكى پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ياردىمىدە "دېھقانلار دەرسخانىسى" تەسس قىلىپ، دېھقانلارغا باشقا جايلارنىڭ ئەسقاتىدىغان تەجرىبىلىرى تونۇشتۇرۇلغان مەخسۇس فىلىملەرنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، بەرەڭگە ئۆستۈرۈشنىڭ تېخنىكىلىق ھالقىلىرىنى تەپسىلى تۇنۇشتۇردۇق.  يەنە بىر تەەپتىن ئۇلارنى بىزگە خوشنا بولغان ئىتتىپاق كەنتىدىكى خەنزۇ دېھقانلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بەرەڭگە ئۆستۈرۈش تەجرىبە ئېتىزلىقىغا باشلاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تەجرىبىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدۇق ۋە كېتەرلىك ئۇرۇق، دېھقانچىلىق دورىسى، پەن-تېخنىكىلىق تەلەپ بويىچە باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش ئىشلىرىنى بىر تۇتاش ئېلىپ باردۇق. بازار ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، سېتىپ چىقىرىشقىمۇ مەسئۇل بولدۇق. بۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە 60 ئائىلىلىك  دېھقان 100 مو يەردە بەرەڭگە ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى كۆردى. كېيىنكى يىلى بەرەڭگە ئۆستۈرىدىغانلارنىڭ سانى بىراقلا كۆپىيىپ، ھەممە ئائىلىلىك دېھقان بۇ ئىشقا ھەۋەس قىلىشتى. كۆلەممۇ بىراقلا 300 موغا يەتتى.  مانا بۇ ياڭاقلىق باغدىكى بەرەڭگىلەر 7- ئاينىڭ باشلىرى ئېڭىز ئورنى يەرلىرىگە كۆچۈرۈلگەنىدى. تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇلغاچقا ئوبدان باش تۈتۈپ، مول ھوسۇلدىن دېرەك بەرمەكتە. مۆلچەرىمىزدە مو بېشى مەھسۇلاتى 1.5 توننىدىن كۆپرەككە، كىرىمى 3800 يۈەنگە يېتىشى مۇقىملىشىپ قالدى.

بۇ كەنتنىڭ 4- مەھەللىسىدىكى تۇرسۇن ھۇشۇر 2007 –يىلى تەلىيىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈنلا  1.2 مو يەردە بەرەڭگە ئۆستۈرۈشكە كىرشكەن. پەن-تېخنىكا خادىملىرىنڭ ياردىمىدە  ئىلمىي ئۇسۇلدا باشقۇرغانلىقتىن ئۇ بۇ يەردىن  ئىككى يېرىم ئايدىلا  3000 يۈەن كىرىم قىلىپ، ھازىر كەنتتكى بەرەڭگىگە تايىنىپ باي بولغان دېھقانلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

 _ بۇلتۇر بەرەڭگىنىڭ باھاسى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. 7 مو يەردىكى بەرەڭگىنى سېتىپ، 32 مىڭ كىرىم قىلىپ، "شىنخې- 354" تىپلىق بىر دانە تىراكتۇر سېتىۋالدىم. بۇ يىل ئۇرۇقلۇق بەرەڭگىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ،  كۆلەمنى بىراقلا 13 موغا يەتكۈزدىم.

_ بۇرۇن بەرەڭگە ئۆستۈرۈش جەھەتتە ھېچ نەرسە بىلمەيتتىم. بەرەڭگىنى ھەتتا سەۋزە ياكى چامغۇردەك ئۇرۇقىنى چېچىپ تېرىيدىغان ئوخشايدۇ، دەپ پەرەز قىلغان. مانا ئەمدى بۇنىڭغىمۇ ئۇستا بولۇپ قالدىم.

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن يېزىدىكى پەن-تېخنىكا ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ بەرەڭگە ئۆستۈرۈش ئىشلىرىغا قانچىلىك ئەجىر قىلغانلىقى، دېھقانلارنىڭمۇ بۇ ئۆزگىچە كەسپكە شۇنچىلىك ھېرىسمەن ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. 

ئايكۆل يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن قادىرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ھازىر پۈتۈن يېزا بويىچە ئەلا سۈپەتلىك بەرەڭگە ئۆستۈرۈلىۋاتقان كۆلەم ئىلگىركى 1200 مودىن 8000 موغا، بۇلتۇر بىر يىلدا بەرڭگىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 15 مىڭ 600 توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 31 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، كىشى بېشى كىرىمى 4400 يۈەندىن  ئاشقان. ئومۇمىي كىرىمدىن  تېرىقچىلىق كىرىمى 1838 يۈەنگە، بۇنىڭدىن پەقەت بەرەڭگىدىنلا قىلىنغان كىرىم 655 يۈەنگە يەتكەن. بەرەڭگە ئۆستۈرۈشتە ئاساسلىقى پوستى قېلىن، پارقىراق، دانىسى يۇغان بالدۇر پىشار  ئەلا سۈپەتلىك سېرىق بەرەڭگە  سورتى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، 2- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا كۆچۈرۈلۈپ، 6- ئايدا بازارغا كىرىدىغان بەرەڭگىلەرنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 1.8 توننىدىن 2.2 توننىغىچە ؛ 7- ئاينىڭ باشلىرىدا كۆچۈرۈلۈپ، 9- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا بازارغا كىرىدىغان بەرەڭگىلەرنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 1.5 توننىدىن 2 توننىغىچە يەتكۈزۈلۈپ، بۇلارنىڭ مو بېشىدىن 4000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە كىرىم قىلىنغان. بەرەڭگە ئۆستۈرىدىغان دېھقانلارغا ئۇرۇقلۇقنى يېزا مەسئۇل بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ياردىمىدە بىر تۇتاش سېتىۋېلىپ تەمىنلىگەن. بەرەڭگىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۈچراش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، ناھىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، "ئالتۇن توغراق" شەھەر-بازارلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق باشلامچى كارخانىلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بەرەڭگىلەرنى بەلگىلىك مۇددەتتە ئۆز پېتى ساقلاپ بازارغا سېلىش، ياكى باھاسى  بىر قەدەر ياخشى بولغان جايلارغا يۆتكەپ سېتىش تەدبىرىنى قوللانغاندىن باشقا، كەنت تەشكىلاتلىرى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىي ئائىلىلىرىنى كەسپىي ھەمكارلىق كوپراتىپى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتىپ، بىر تۈركۈم رايون ھالقىغان، كۆلەملەشكەن، يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئۈلگىلىك ھەمكارلىق كوپراتىپلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ ۋە ئۇلارنىڭ رولىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، بەرەڭگە ئۆستۈرگەن دېھقانلارنىڭ بازار خېيىم-خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىغان. 

ئەركىن قادىر يەنە مۇنداق دېدى: بۇلتۇر پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئايكۆل يېزىسىنى ئاساس قىلغان 20 مىڭ مو  كۆلەمدىكى ئەلا سۈپەتلىك  بەرەڭگىزارلىقى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى تەرپىدىن سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش بويىچە "ئورگانىك مەھسۇلات" ئىتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博