يېقىندا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئېلان قىلغان 3-تۈركۈمدىكى «دۆلەت دەرىجىلىك جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىسىملىكى»گە شىنجاڭنىڭ 12 تۈرى كىرگۈزۈلدى، يەنە ئىككى تۈر «دۆلەت دەرىجىلىك جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كېڭەيتىش تۈرى ئىسىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراس تۈرى 52دىن 66گە كۆپىيىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى چوڭ رايونىغا ئايلاندى.
شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىنتايىن گەۋدىلىك تارىخ، مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە. «شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى»، «قىرغىزلارنىڭ «ماناس» داستانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىنسانىيەت جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى.
ھەمبەھىرلىنىڭ