فىرانسىيەدە نەچچە ئون مىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىش تاشلاپ نامايىش قىلدى

0 2011-09-30 10:34:55   جۇڭگو خەلقئارا لىنيەسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 27-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە ، 27-سېنتەبىر، فىرانسىيەدىكى نەچچە ئون مىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى كوچىلارغا چىقىپ ئىش تاشلاپ نامايىش قىلىپ ، ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ ساھەسىدە ئادەم قىسقارتىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن .

    ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ مىقداردا ئازىيىپ كېتىشى فىرانسىيە بالىلىرىرىنىڭ بىر سىنىپتا قىستىلىپ دەرس ئاڭلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىپادە بىلدۈرۈپ : ھۆكۈمەت ئالدى بىلەن خۇسۇسىي كارخانىلاردىكى ياللانما خىزمەتچىلەر ۋە ياللانما خىزمەتىچلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، چۈنكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ھۆكۈمەتنىڭ ياللانما خادىملىرىغا بولسا ھازىرچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ،-دېگەن.



ئىگىلىنىشىچە ، قىرانسىيەدە 2007-يىلىدىن بۇيان نەچچە ئون مىڭ ئوقۇتقۇچى قىسقارتىلغان ، 2012-يىلى يەنە 14 مىڭ ئوقۇتقۇچى قىسقارتىلىدىكەن . نۆۋەتتە ، خۇسۇسىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نامايىش سېپىگە قوشۇلغان .


ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر