يەمەننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق جىددىيلەشمەكتە

0 2011-09-30 10:27:04   جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    يەمەننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر بىلەن بازا تەشكىلاتىنىڭ قوش بېسىمى ئارقىسىدا داۋاملىق جىددىيلەشمەكتە. يەمەن پىرېزىدېنتى سالىخ 25-سېنتەبىر كەچتە يەمەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا سۆز قىلغاندا، مۇددەتتىن بۇرۇن پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە ئۆزىنىڭ پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ يەمەن كىرىزىسىنى ياراشتۇرۇش توغرىسىدىكى كېلىشىمىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر يەنىلا داۋاملىق ھۇجۇم قىلدى.
    خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى مەغرۇپ ئۆلكىسىدىكى بىر ئاساسلىق نېفىت تۇرۇبىسى 27-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ، غەربىي قىسىمدىكى قۇتايدا ئۆلكىسىدىكى پورتقا يەتكۈزۈلىدىغان نېفىت ئۈزۈلۈپ قالغان. بۇندىن بىر كۈن ئىلگىرى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەر پايتەخت سانانىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇرۇشتا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ بىر گېنېرالى ۋە بەش ئەسكىرى قازا قىلغان

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博