شىنجاڭنىڭ قۇم رەسىملىرى ئاي ئاخىرىدا شياڭگاڭدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

0 2011-09-29 11:38:06   جۇڭگو ئۇچۇر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

9-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭنىڭ قۇملىرىنى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىپ سىزىلغان قۇم رەسىملىرى بۇ يىل سېتىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى،پۈتۈن ساياھەت پەسلىدە سېتىش مىقدارى ئۆتكەن يىلى ئوخشاش ۋاقتىغا قارىغاندا%40 ئېشىش مۆلچەرلەنمەكتە.شىنجاڭ قۇم رەسىم ئىجادكارى ئالىمجاننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،بۇ ئۇچۇر، قۇم رەسىملىرىنىڭ يېڭى ئۇسلۇبتىكى رەسىم سېزىلىش شەكلى بىلەن ياشاش باسقۇچىدىن ھالقىپ، پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىغا قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
     شىنجاڭ قۇم رەسىملىرى غۇلجىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ،ئىجادكارى ۋە پاتېنتىغا ئېرىشكۈچىسى ئالىمجان ھېچقانداق سەنئەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ باقمىغان.ئۇنىڭ بوۋىسى كۇلالچى،ئاتىسى تۆمۈرچى،ئالىمجان كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ رەسىم سېزىشكە ئىنتايىن ئىشتىياق باغلىغان ۋە دائىم ئورمانلىقلاردا رەسىم سىزىپ يۈرگەن.ئۇ قۇم رەسىملىرىگە قىزىقىش پەيدا قىلغاندىن  باشلاپ پاتېنتقا ئېرىشكۈچە تەخمىنەن 7يىل ۋاقىت كەتكەن.  
    غۇلجا نەپىس قۇم رەسىملىرى مەركىزىنىڭ گۈزەل-سەنئەت يېتەكچىسى لوقمان بىرىنچى بولۇپ ئالىمجانغا ئەگىشىپ قۇم رەسىملىرى ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن.ئۇ،ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا كەلسە تۇنجى بولۇپ ئويلايدىغىنى قۇم،قۇمدىن سىزىلغان رەسىملەر كىشىگە يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدۇ،ئۇنىڭ ئويمان-دۆڭ يەرلىرى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ،دەيدۇ.
    27-چېسلا،غۇلجا شەھىرى غۇلجا نەپىس قۇم رەسىملىرى كۆرگەزمىخانىسىدا،شاڭخەيدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قۇم رەسىملىرىگە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن مەپتۇن بولۇپ قالغان.ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى لايىھىلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى جېڭ ئەپەندى: قۇم رەسىملىرىنى سىزىشقا ناھايىتى كۈچ سەرپ بولىدىكەن.ئۇنىڭدا ھەيكەلتىراشلىق،جۇڭگوچە رەسىم ،ماي بوياق رەسىملىرىنىڭ ئۇسلۇبى قوللىنىپتۇ،ھەقىقەتەن ئېسىل ئىجادىيەتكەن،دېدى.
  ئۇقۇشىمىزچە،2011-يىلى 2-ئاينىڭ بېشىدا،شىنجاڭ مەدەنىيەت نازارىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي شىنجاڭ قۇم رەسىملىرىنى كۆرگەزمە قىلغان،ئۇنىڭ بەدىئىي قىممىتى سەنئەت ساھەسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى زاتلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.كۆرگەزمە ۋاقتىدا 200مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قۇم رەسىملىرى سېتىلغان بولۇپ،ئىقتىسادىي قىممىتىمۇ ۋۇجۇدقا چىققان.
     ئالىمجاننىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە،ئۈچ يىلدىن بۇيان قۇم رەسىملەرنىڭ سېتىلىش مىقدارى شىددەت بىلەن ئاشقان،يەرلىك ھۆكۈمەت سېتىۋالغاندىن باشقا يەنە،ساياھەتچىلەرنىڭ سېتىۋېلىش نىسبىتى تېزلىكتە ئاشقان. 2010-يىلى غۇلجا نەپىس قۇم رەسىملىرى كۆرگەزمىخانىسى 2مىليوندىن ئارتۇق قۇم رەسىملىرى ساتقان،2011-يىلى قىسقىغىنا ساياھەت پەسلىدە 3مىليوندىن ئارتۇق سېتىلغان،بۇنىڭ ئىچىدە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سېتىۋېلىش مىقدارى ٪60دىن ئارتۇق.
     ئالىمجاننىڭ ئېيتىشىچە،27-چېسلا كەچتە ئۇ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شياڭگاڭدىكى شىنجاڭ قۇم رەسىملىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىكەن،26پارچە رەسىملەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگودىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇپ،خۇاڭشەن، تىيەنتەن ئىبادەتخانىسى،سەددىچىن سېپىلى،شىنجاڭ تەڭرى تېغى قاتارلىقلار بار ئىكەن.كۆرگەزمە ۋاقتىدا ئالىمجان نەق مەيداندا قۇم رەسىمى سىزىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博