ئىسلام دۆلەتلىرى فوتو سۈرەت مۇخبىرلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى پائالىيىتى باشلاندى

0 2011-09-19 10:29:20   جۇڭگو رادىيو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

       شىنجاڭ ناملىق ئىسلام دۆلەتلىرى فوتو-سۈرەت مۇخبىرلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى پائالىيىتى ھەم شىنجاڭدىكى گۈزەللىك دېگەن تېمىدا جۇڭگو ۋە چەتئەللىك تور ئەھلىنىڭ باھالاش پائالىيىتى 15-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە باشلاندى.

        ئىگەللىنىشچە، تەكلىپكە بىنائەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان 14 كەسپىي فوتوگراف، فوتو-سۈرەت مۇخبىرى ۋە داڭلىق فوتوگرافلار تۈركىيە، ئىيوردانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، نىگېرىيە قاتارلىق ئون دۆلەتتىن كەلگەن، ئۇلار 16-سېنتەبىردىن باشلاپ جەنۇب، شىمال ئىككى لىنىيە بويىچە شىنجاڭدا ئون نەچچە كۈن پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ، ئاندىن جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى يەنە چەتئەلدىكى 10 نەچچە تاراتقۇ بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭدىكى گۈزەللىك دېگەن تېمىدا جۇڭگو ۋە چەتئەللىك تور ئەھلى بىلەن باھالاش ئېلىپ بارىدۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسى 12-ئاينىڭ ئاخىرى ئېلان قىلىنىدۇ.

      باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ خەنمىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىدىكى گۈزەل مۇنبەت زېمىن ، تەبىئىي مەنزىرىسى ئۆزگىچە، تارىخى مەدەنىيىتى ئۇزۇن، مىللىي خاسلىق قويۇق، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن مېھماندوس خاراكتېرىنى ھېس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مول ساياھەت بايلىقىنى نامايان قىلىشىنى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا شاھىد بولۇشىنى، قولىدىكى ئاپپارات ئارقىلىق ھەقىقى بىر شىنجاڭنى دۇنياغا كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博