نۆۋەتتە ئامىركىنىڭ بېسىمى ئاستىدا خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 15دۆلەت ئىچىدە لىۋان،جۇڭگو،روسىيە،جەنۇبى ئافرىقا،بىرازىلىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق 6دولەت پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىشىنى قەتئىي قوللىدى،ئامىركا،فىرانسىيە،ئەنگىلىيە،گىرمانيە،پۇرتۇگالىيە قاتارلىق 5دۆلەت قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى،ئۇنىڭدىن باشقا نىگىرىيە،گابون،بوسنىيە -گېرزىگوۋىنا ۋە كولومبىيە قاتارلىق 4دۆلەت ھازىرغىچە ئىپادە بىلدۇرمىدى.
ب د ت نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قاراپ چىقىش ۋاقتىغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمىسى بولمىغانلىقتىن بۇ جەريان بىر نەچچە ھەپتە ياكى بىرەر ئاي داۋاملىشىشى مۇمكىن .ئامېرىكا ھازىر ئىسرائىلىيە -پەلەستىن سوھبىتىنى قايتا باشلاش ئۇچۇن تىرىشىۋاتماقتا،ھەم ناۋادا سەھبەتنى تىزراق باشلىيالىسا پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىش ئىشىيېڭى بىر سوھبەت ئاياغلاشقىچە ۋاقىتلىق توختايدۇ دەپ قارىماقتا.بىراق ناۋادا پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىشى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن رەت قىلىنسا ،ئۇنداقتا پەلەستىن يەنە بىر لاھىيە تەييارلاپ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن ئوتۇپ ب د ت چوڭ يىغىنىدا ئومۇيۇزلۇك ئاۋازغا قويۇپ كوزەتكۇچىلىك سالاھىيىتىنى ئوستۇرۇش يەنى ئەزا ئەمەس دولەت دەرىجىسىگە كوتۇرۇش .
شۇنىڭ ئۇچۇن ئامىركا پەلەستىننىڭ ب د ت غاكىرىشىنى توسۇش بايرىقىنى كوتۇرۇشى ئەلۋەتتە دولەت ئىستىراتىگىيەلىك مەنپەتىنى چىقىش قىلغانلىقىدۇر.يەھۇدىيلارنىڭ تەسىر كۇچى ئامىركىنىڭ سىياسى سەھنىسى،پۇل -مۇئامىلەقاتارلىق ساھەلەردىكى تەسىرى ناھايىتى چوڭ ،ئامىركا ئىزچىل ھالدا ئىسرائىلىيە نىڭ دولەت بىخەتەرلىكىنى ئوزىنىڭ يادرولۇق مەنپەتىنىڭ بىرى قىلىۋاتىدۇ.گەرچە ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق رايونىدا سەئۇدى ئەرەبىستان،تۈركىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىغا ئىگە بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئامىركا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇنىڭغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.زۇنىڭ ئۇچۇن نوۋەتتە كوپ قىسىم دولەتلەر پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىشىنى قوللاۋاتقان پەيتتە ئامىركا دولەت ئىچىدىكى يەھۇدىيلەرنىڭ سىياسى بېسىمىنى ئويلاپ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىشىنى توسۇش ئۇچۇن تىرىشىۋاتىدۇ.
پەلەستىننىڭ قەتئىي ھالدا ب د ت غا كىرىشنى ئىلتىماس قىلىشىدىكى سەۋەب ئاساسلىقى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى .ئامېرىكىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچراۋاتقان ئوتتۇرا شەرق بىلەن بىر يەردە توختاپ قالغان سىياسىي ۋەزىيەتتىن ئۈمىد ئۈزگەنلىكى ۋە چوڭقۇر گۇمانلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىشىنى توشىدىغانلىقى پەلەستىنگە ئايان ،پەلەستىننىڭ مەقسىتى ب د ت نىڭ ئەزالىق دۆلەت سالاھىيىتىگە ئېرىشىش دېمەستىن بەلكى ئۆزى ئۇچۇن تېخىمۇ كوپ دەسمايىنى قولغا كەلتۈرۈش دېسەك تېخىمۇ توغرا بولىدۇ،بۇ ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيىنى يەنە بىر قەدەم پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
‹‹جۇڭگو-قىرغىزىستان مەدەنىيەت ھەپتىلىكى›› قىرغىزىستاندا ب...
ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى كېلىنتون ئىسرائىلىيەنى تەنقىد...
بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان مۈشۈك ئالاھىدە شوتىغا ئېرى...
شاڭخەي مېتىرو پويىزى 10-نومۇرلۇق لىنىيەسىدە ۋەقە يۈز بېرىپ 224...
بىرازىلىيەدىكى ئادەمخور بېلىق كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ 100 دىن ...