ئاپېلسىن تاتلىق ئاپېلسىن، قېلىن پوستلۇق ئاپېلسىن، ماندارىن دەپ بىرقانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ.
تاتلىق ئاپېلسىننىڭ مېۋىسى چوڭ، پوستى قېلىن، پوستىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ سېرىق بولىدۇ. ئۇنىڭ مېۋىسىنى پوستىدىن ئاجرىتىپ ئېلىش تەسرەك بولۇپ، پىچاق بىلەن كېسىپ يېيىشكە توغرا كېلىدۇ، تەمى تاتلىق بولىدۇ. تاتلىق ئاپېلسىننىڭ شىرنىسى كۆپ، تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولىدۇ. ئۇنى تاللىغاندا پوستى نېپىز، پارقىراق، رەڭگى قېنىقىنى تاللاش كېرەك.
قېلىن پوستلۇق ئاپېلسىننىڭ مېۋىسى چوڭ، پوستى قېلىن، مېۋىسى بىلەن پوستىنى ئايرىش ئاسان، پۇراقلىق بولۇپ، مىجىسا يۇمشاق بىلىنىدۇ. مېۋىسىنىڭ تەمى سەل چۈچۈمەل، بەزىلىرىنىڭ ئۇرۇقى بار، تەركىبىدە ۋىتامىنلار مول بولىدۇ.
ماندارىن ئاپېلسىننىڭ باشقا تۈرلىرىگە قارىغاندا كىچىك بولۇپ، پوستىنىڭ رەڭگى ئوچۇق قىزىل، سارغۇچ، ئاچ سېرىق رەڭلەردە بولىدۇ. پوستى قىزىل ئاپېلسىننىڭ تەمى تاتلىق، پوستى سېرىقلىرىنىڭ چۈچۈمەل بولىدۇ. ئۇنىڭ پوستىنى ئايرىش ئاسان، مېۋىسى 7 تىلىمدىن 11 تىلىمغىچە بولىدۇ. تاتلىق ئاپېلسىن بىلەن ماندارىننىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئاياللار ھەيز مەزگىللىرىدە ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ