دائىم كومپيوتېر ئىشلىتىدىغانلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

0 2011-09-23 11:49:11   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  دائىم كومپيوتېر ئىشلىتىدىغانلاردا كۆزى بىئارام بولۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، ئاسانلاچارچاش تۇيغۇسى بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئوزۇقلانغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك:
      1. كۆزگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر يەنى تۇخۇم، بېلىق، بېلىق مېيى، سەۋزە، پالەك، تاتلىق بەرەڭگە، كاۋا، ئالىقات قېقى، جۈخارگۈلى، كۈنجۈت، تۇرۇپ، ھايۋانات جىگىرى بانان قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
      2. كالتسىي مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر يەنى پۇرچاق ياسالمىلىرى، پىشلاق، ئۇستىخان شورپىسى، تۇخۇم، سۈت، گۆش، راك قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
      3. يېڭى مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، ۋىتامىن تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
      4. قىشلىق موگۇ، ھەسەل، مور، لامنارىيە، قىزىلبۇغداش قاتارلىق ئوگانىزىملارنىڭ كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرالايدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، كېسەللىكلەرگە قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
      5. رادىياتسىيەگە قارشى تۇرىدىغان يېمەكلىكلەر: كۈمۈش ئۆرۈك ۋە قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.
      6. تېرە ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەر: گىلاس، تېرە گۈزەللەشتۈرۈش مېۋىلىرى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.
      8. ۋىتامىن A، C لار ۋە ئاقسىل مول بولغان پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، پەمىدۇر قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك.
   

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر