ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر خېلىلا ئومۇملىشىپ قالغان ئالدىن پۇل تۆلەپ ئىستېمال قىلىش ئەزالىق كارتىسىدا مەجبۇرىي ئىستېمال قىلدۇرۇش، پۇرسەتپەرەسلىك ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت بولغاچقا، يېقىندىن بۇيان بۇ ھەقتە ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرزى كۆپىيىپ كەتكەن. شۇڭا ئىستېمالچىلارنى بۇ خىل كارتىنى بېجىرگەندە ئېھتىيات قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز. ھازىر ئالدىن پۇل تۆلەش شەكلىدىكى ئەزالىق كارتىسى ھەققىدىكى دەۋالاردا ئەكس ئەتكەن تالاش - تارتىش مەسىلىسىنى مۇنداق بىرنەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1. سودىگەرلەر ئىنتايىن ئېتىبار بەرگەن شارائىتتا ئىستېمالچىلارنى ئەزالىق كارتىسى بېجىرىشكە جەلپ قىلغاندىن كېيىن، كۆپ ھاللاردا »تاقىلىش« باھانىسى بىلەن »غايىپ بولۇش« ئويۇنىنى ئويناپ، ئىشتىن بۇرۇن ئەزالارغا ئۇقتۇرۇش قىلماسلىق، ئىشتىن كېيىن ئاشقان پۇلنى قايتۇرماسلىق كويىدا بولۇۋاتىدۇ.
2. سودىگەر قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش »تاكتېكىسىنى ئويناپ«، ئىنتايىن چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئىستېمالچىلارغا »ئېتىبارلىق« كارتىسىنى بېجىرگەندىن كېيىن، كارتا ئارقىلىق پۇل تۆلىگەن چاغدا باھانى نەق تۆلىگەن چاغدىكى باھادىن يۇقىرى قىلىۋېتىدۇ.
3. مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە ۋەدىسىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىپ، ئىستېمالچىلارنى كارتا سېتىۋالغاندىن كېيىن، ساتقۇچىلارنىڭ مۇلازىمەت تۈرىنى ئازايتىش، ۋەدىدىكى مۇلازىمەتنى ئەمەلگە ئاشۇرماسلىق تەقدىرىگە دۇچار قىلىۋاتىدۇ. ئىستېمالچىلار كارتىنى قايتۇرماقچى بولغاندا، تۈرلۈك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، ئاشقان پۇلنى قايتۇرمايۋاتىدۇ.
4. بىر قىسىم سودىگەرلەر ئىستېمالچىلارنى مەجبۇرىي ئىستېمال قىلدۇرۇپ، مۇلازىمەت داۋامىدا باشقا مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇش ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق، ئىستېمالچىلارنى قاقتى - سوقتى قىلىۋاتىدۇ، كارتىدىن ھەتتا ئورۇنسىز ھەقلەرنى تۇتۇپ قېلىۋاتىدۇ.
5. بەزى سودىگەرلەر ئەزالىق كارتىسى ئارقىلىق ئىستېمال قىلغانلارغا مۇلازىمەت دائىرىسىنى مەجبۇرىي چەكلەپ قويۇۋاتىدۇ، بەزى كارتىلارنى ۋاقتى ئۆتكەندە بىكار قىلىۋېتىدۇ - يۇ، كارتىدىكى ئاشقان پۇلنى قايتۇرمايدۇ.
6. بەزى قانۇنسىز سودىگەرلەر ئەزالىق كارتىسى بېجىرىش باھانىسىدە ئالدامچىلىق قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا پۇلنى ئالغاندىن كېيىن قېچىپ كېتىۋاتىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ تەكىتلەپ كۆرسەتتى: ئالدىن پۇل تۆلەش كارتىسىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي سېتىۋېلىش كۈچىڭىزگە ئاساسەن تاللاڭ، ئېلاندىكى چىرايلىق سۆزلەرگە ئالدىنىپ كەتمەڭ، ئەرزانغا بېرىلىپ بىر قېتىمدىلا بىرمۇنچە كارتا سېتىۋالماڭ، شۇندىلا خېيىمخەتەردىن نېرى تۇرغىلى بولىدۇ. مۇلازىمەت قەرەلى بىرقەدەر ئۇزاق كارتىغا نىسبەتەن، ھۇشيارلىقىڭىزنى تېخىمۇ بەكرەك ئاشۇرۇڭ. ئالدىن پۇل تۆلەيدىغان ئىستېمال كارتىسىنى تاللىغاندا ئىشلىتىش دائىرىسى، قەرەلى، ئىقتىدارى، پۇل قايتۇرۇش شارائىتى قاتارلىق ھالقىلارنى تولۇق چۈشىنىڭ. ئەڭ ياخشىسى، ئاغزىدىكى گەپكە ئىشەنمەي، يازمىچە توختام تۈزۈڭ.
ھەمبەھىرلىنىڭ