ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى:18-سېنتەبىر دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە،8-ئايدا ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق ئۆي (يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)باھا كۆرسەتكۈچى 0.2 پىرسەنت ئاشقان.بۇندىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئولتۇراق ئۆي باھا كۆرسەتكۈچى ئۇدا ئۈچ ئاي تۆۋەنلىگەن.(5-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان باھا كۆرسەتكۈچى ئايرىم ئايرىم ھالدا 0.5 پىرسەنت،0.4 پىرسەنت ۋە 0.3 پىرسەنت ئاشقان).
ئەمما دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:ئۆتكەن ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق ئۆي باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8.8 پىرسەنت ئۆرلىگەن بولۇپ.دۆلەت ئىچىدىكى 70 چوڭ-ئوتتۇرا كىچىك شەھەرلەر ئىچىدە باھا ئۆسۈش جەھەتتە 2-ئورۇندا تۇرغان.ئىككىنچى قول ئولتۇراق ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى جەھەتتە 8.1 پىرسەنت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.
شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ئۆي-مۈلۈك تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى:دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى پۇل پاخاللىق ۋەزىيىتىدە ئولتۇراق ئۆي تەلىپى ئېشىپ باردى.بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى نۆۋەتتە 3 مىليون 110 مىڭ ئادەمگە يېتىپ،10 يىلدا 1 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇس كۆپەيدى.شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ،كۆپ ساندىكى سىرتتىن كەلگەن نوپۇسلار كۆپىيىپ،ئولتۇراق ئۆيگە بولغان تەلەپ ئاشتى،-دېيىشكە بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە،ئالدىنقى يېرىم يىلدا،ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 5444 يۈەن بولۇپ،ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 27 پىرسەنت ئاشقان.
ھەمبەھىرلىنىڭ