قەشقەر ۋە خوتەندە تېرورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلغان تۆت جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

0 2011-09-16 10:34:05   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

          2011-يىل 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا «7.18»،«7.30» ئېغىر تېررورلۇق ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان جىنايەت گۇماندارلىرىغا بىرىنچى قېتىملىق ئوچۇق سوت ئاچتى. تەشكىللىك ھالدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىق جىنايىتى، پارتلايدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ياساش جىنايىتى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قۇيۇش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان ئابدۇغېنى يۈسۈپ، ئابلىكىم ھەسەن، مۇختەر ھەسەن، مەمەتنىياز تۇرسۇنلارغا ئۆلۈم جازاسى، شۇنداقلا سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش؛ ئابدۇللا ئەلى، تۇراپ مەمەت قاتارلىقلارغا 19-يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، قوشۇمچە 5يىل سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلدى. Aadئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
          

        خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، جىنايەتچى ئابدۇغېنى يۈسۈپ 2010-يىل 5-ئايدىن 2011-يىلى 7-ئايغىچە ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، خوتەن شەھىرىدىكى جىنايەتچى ئابدۇللا ئەلى، تۇراپ مەمەت قاتارلىقلارغا قارىتا كۆپ قېتىملىق مەشىقلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، باش بولۇپ تېررورلۇق تەشكىلات قۇرۇش، ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەرلەر تېررورلۇق پارتلىتىش قىلمىشىنى سادىر قىلغان. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئابدۇغېنى يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى تەشكىلات ئەزالىرى پالتا، پىچاق، كۆيدۈرگۈچ بوتۇلكا قاتارلىق قاتىللىق قوراللىرىنى ئېلىپ، خوتەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى نۇرباغ ساقچىخانىسىغا زورلۇق ھۇجۇمى قىلىپ، 1 نەپەر بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ ئەزاسىنى ۋە 2 نەپەر تۇتقۇننى ئۆلتۈرۈش، ئىككى نەپەر بىگۇناھ ئاممىنى ئېغىر يارىلاندۇرۇش، ساقچىخانىنى ، شۇنداقلا ئەتراپتىكى سودا-سارايلارنى ئۇرۇپ چېقىش قىلمىشىنى سادىر قىلىپ، 367760يۈەن قىممىتىدىكى زىياننى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا يەنە بىر نەپەر خەلق قوراللىق قىسمى جەڭچىسىنىڭ قۇربان بولۇشى، بىر نەپەر ئالاقىدە ساقچى ۋە بىر نەپەر بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش ئەترىتى ئەزاسىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. Aadئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
         

        قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سوتىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، 2008-يىل 6-ئايدىن 2011-يىل 7-ئايغىچە، ئابلىكىم ھەسەن، مۇختەر ھەسەن، مەمەتنىياز تۇرسۇن قاتارلىق جىنايەتچىلەر مەمەتئەلى تىلىۋالدى (30-ئىيۇل ۋەقەسىدىكى باش جىنايەتچى، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن) باشچىلىقىدا تېررورلۇق تەشكىلات قۇرۇش، قاتىللىق قوراللىرىنى ياساش، پارتلىتىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش، پارتلايدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ياساش، سۇيىقەست قىلىش، قەشقەر شەھىرىدە تېررورلۇق قىلمىشىنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان. مەمەتنىياز تۇرسۇن تېررورلۇق تەشكىلات قۇرۇشقا باشچىلىق قىلىش، تېررورلۇق مەشىقلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تېررورلۇق كاتتىۋېشى بولۇش رولىنى ئۆتىگەن. Aadئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
           

        2011-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى 19دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە، ئابلىكىم ھەسەن بىلەن ئىبراھىم مەمەت(ئاللىقاچان ئۆلگەن) قەشقەر شەھىرى گۈزەل تائاملار كوچا ئېغىزىدا بىر يۈك ماشىنىسىنى بۇلاپ، ماشىنا بىلەن سوقۇپ، پىچاق بىلەن ئۇرۇپ سوقۇپ، بىگۇناھ ئاممىدىن8 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 31 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 7-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 16دە جىنايەتچى مۇختەر ھەسەن قاتارلىق بەشەيلەن قوللىرىغا قىرلىق ئەسۋاب ئېلىپ، پارتىلىغۇچى بومبا ئورنىتىلغان توكلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ، قەشقەر شەھىرى شىياڭشې كوچىسىغا بۆسۈپ كىرىپ، بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرۈپ، پارتىلىغۇچى بومبىنى پارتىلىتىپ، 5 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 10 ئادەمنىڭ يارىلىنىشى شۇنداقلا 3 نەپەر جامائەت خەۋپسىزلىك خەلق ساقچىسىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، 187008يۈەن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىياننى كەلتۈرۈپ چىقارغان. Aadئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
          

      بۇ ئىككى قېتىملىق ئەنزىنىڭ سوتى ئاشكارا ئېچىلغان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى كىشىلەر كېلىپ قاتناشتى. سوتتا، بۇ جىنايەت گۇماندارلىرى تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ئەرز قىلغان جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتىراپ قىلمىدى. سوت جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا ئەرز قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 6 نەپەر جىنايەتچىگە ئاقلىغۇچى ئادۋوكات بىلەن تەمىنلەپ، جىنايەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر